ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۇنجى نۆۋەتلىك ئالتۇن مۈشۈكئېيىق خەلقئارا مەدەنىيەت مۇنبىرى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-21 12:31

تۇنجى نۆۋەتلىك ئالتۇن مۈشۈكئېيىق خەلقئارا مەدەنىيەت مۇنبىرى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى.

جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار مۇنداق دەپ قارىدى: مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بۈگۈنكى دۇنيا چوڭ تەڭشىلىش، چوڭ بۆلۈنۈش، چوڭ قايتا تەشكىللىنىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، مەدەنىيلىك ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېخىمۇ تەخىرسىز بولۇپ قالدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇش، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈللۈكىنى گۈللەندۈرۈشكە جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى قوشتى. جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەل رايىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تۇنجى نۆۋەتلىك ئالتۇن مۈشۈكئېيىق خەلقئارا مەدەنىيەت مۇنبىرىنى جۇڭگو ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى، سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ئالتۇن مۈشۈكئېيىق مۇكاپاتىنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، «مەدەنىي بىللە ياشاش: مول مەزمۇنلۇق، باراۋەر، سىغدۇرۇشچان بولۇش» بۇ يىلقى مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى قىلىندى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۇنجى نۆۋەتلىك ئالتۇن مۈشۈكئېيىق خەلقئارا مەدەنىيەت مۇنبىرى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى

تۇنجى نۆۋەتلىك ئالتۇن مۈشۈكئېيىق خەلقئارا مەدەنىيەت مۇنبىرى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى