6-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئېسىل مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىنىپ، جۇڭگو پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىندى
6-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 5-كۈنگە قەدەم قويدى، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە 442 تۈرلۈك يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مۇلازىمەت مەركەزلىك نامايەن قىلىندى. كۆرگەزمىدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىش-دۇنيا كارخانىلىرىنىڭ ئورتاق تاللىشى بولۇپ قالدى.
كۆرگەزمە باشلانغاندىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن مېۋە-كۆكتات، يېمەكلىكلەر داۋاملىق يېڭىلاندى. مەلۇم مېۋە-كۆكتات كارخانىسى ئۇدا ئالتە يىل كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، بۇ يىل 70 خىلدىن ئارتۇق مېۋە-كۆكتات مەھسۇلاتىنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى ھەمدە دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان ئىككى يېڭى مەھسۇلاتنى بازارغا سالدى. كارخانىنىڭ بازار باش نازارەتچىسى ۋاڭ نا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئۆتكەن بەش نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە 9 خىل يېڭى مەھسۇلاتنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدۇق، بىز ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە ئوخشاش بۇنداق دۇنيا بويىچە تۇنجى ئېلان قىلىش سەھنىسىنى ئالاھىدە قەدىرلەيمىز، سودىگەرلەر ياكى تاللا بازارلىرى پات يېقىندا بىز بىلەن توختام ئىمزالايدۇ.
دۇنيا بويىچە ئىمپورت باش تېما قىلىنغان تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە بولغان ئىمپورت كۆرگەزمىسى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كىرگۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىدىغان «قوزغاتقۇچ»قا ئايلاندى، تېخىمۇ كۆپ ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، يېڭىلىق يارىتىش دورىلىرى يېڭى مەھسۇلاتلىرى بۇ يەردە ئېلان قىلىندى. مەلۇم داۋالاش شىركىتى بۇ قېتىم يېڭىلىق يارىتىلغان 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن بىر قىسىم مەھسۇلات جۇڭگودا تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى، دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى. شىركەتنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بازار ئىجازىتى مەسئۇلى چېن چۇخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى قاپلىغان 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى ئېلىپ كەلدۇق، ئىمپورت كۆرگەزمىسى پۇرسىتى ئارقىلىق، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ بىمارلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت