«دۇنيا 2023-يىللىق ئىنتېرنېت تەرەققىيات دوكلاتى» ۋە «جۇڭگونىڭ 2023-يىللىق ئىنتېرنېت تەرەققىيات دوكلاتى» ئېلان قىلىندى
2023-يىللىق دۇنيا ئىنتېرنېت كېڭىشى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىدا ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىندى. 11-ئاينىڭ 8-كۈنى باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگونىڭ 2023-يىللىق ئىنتېرنېت تەرەققىيات دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئايغىچە، جۇڭگودا ئىنتېرنېتتا داۋىلىنىش ئابونتلىرىنىڭ كۆلىمى 364 مىليونغا يەتكەن، يېزا رايونلىرىدا ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %60.5 بولۇپ، رەقەملىك تېخنىكا پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن.
دۇنيا ئېنتىرنېت كېڭىشى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىغا دۇنيادىكى ئىلغار نەتىجىلەر توپلاندى. بۇ يىللىق «ئىنتېرنېت نۇرى» كۆرگەزمىسىدە تور سىرتىدىكى ئەمەلىي گەۋدە كۆرگەزمىسى+تور بۇلۇت كۆرگەزمىسى» تەسىس قىلىندى، تور سىرتىدا رەقەملىك تېخنىكا، كەلگۈسى ئەقلىي ياسىمىچىلىق، رەقەملىك يېزا-كەنت، رەقەملىك مەدەنىيەت-ساياھەت، رەقەملىك مائارىپ، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلار ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونى، باش تېما كۆرگەزمە رايونى ھەمدە ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش كۆرگەزمە رايونى قاتارلىق ئۆزگىچە كۆرگەزمە رايونلىرى تەسىس قىلىندى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا يەنە ئىنتېرنېت تۈرى، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ۋە كاپىتال ھەمكارلىقى كۆۋرۈكى بەرپا قىلىنىپ، ئىنتېرنېتنى يەر شارىلاشتۇرۇشتىكى يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى تېزلىتىلدى.
11-ئاينىڭ 8-كۈنى باشلىقلار يىغىنىدا «جۇڭگونىڭ 2023-يىللىق ئىنتېرنېت تەرەققىيات دوكلاتى»، «دۇنيا 2023-يىللىق ئىنتېرنېت تەرەققىيات دوكلاتى»دىن ئىبارەت ئىككى كۆك تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى. كۆك تاشلىق كىتابتا دىققەت ئىنتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھالىتى، يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى ئۆزگىرىشىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، دۇنيا ئىنتېرنېتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەۋى ئۆرنەك ۋە ئەقلىي كۈچ بىلەن تەمىن ئېتىلدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت