خەن جېڭ سىنگاپوردا زىيارەتتە بولدى
دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 11-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنلىرى سىنگاپوردا زىيارەتتە بولۇپ، زۇڭتۇڭ شانمۇگاراتنام ۋە زۇڭلى لى شيەنلۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ شانمۇگاراتنام بىلەن كۆرۈشكەندە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سىنگاپور يېقىن قوشنىلار، دۆلەتلەر ئارا دوستانە ئالاقىنىڭ ئۈلگىسى. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۈگۈنكى دۇنيا نۇرغۇن دۇنياۋى خىرىسقا دۇچ كەلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو ئۆزىنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ئاتا قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.
شانمۇگاراتنام خەن جېڭ ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك ئالدىن كۆرەرلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. سىنگاپور جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
خەن جېڭ لى شيەنلۇڭ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى ئەپەندى بىلەن بۇ يىل 3-ئايدا جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك ئالدىن كۆرەرلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈردى، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىل لى گۇاڭياۋ ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، سىنگاپور شەرقنىڭ قىممەت قارىشى ۋە خەلقئارا نەزەر بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. جۇڭگو سىنگاپور بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ سۈپىتىنى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئالاقىسى ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
لى شيەنلوڭ مۇنداق دېدى: سىنگاپور جۇڭگو بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەنى تۇتاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىنگاپور جۇڭگو ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، سىنگاپور بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك ئالدىن كۆرەرلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
خەن جېڭ سىنگاپوردا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە يەنە سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ رۈيجيې، دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى قوشۇمچە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاش مىنىستىرى جاڭ جىشيەن بىلەن كۆرۈشتى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل