ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدىكى خاماسنىڭ مۇھىم ئالدىنقى قاراۋۇل بازىسىنى كونترول قىلدۇق دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-11 10:19

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنىڭ 150 قوراللىق خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ھەمدە غەززە رايونىدىكى خاماسنىڭ مۇھىم ئالدىنقى قاراۋۇل بازىسىنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تانكىلىرىنىڭ غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىلارنى قورشىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. نەچچە مىڭ بىمار، تېببىي خادىم ۋە مۇساپىر دوختۇرخانىدا قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، سۇ ۋە يېمەكلىك كەمچىل بولغان. پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا دوختۇرخانىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

پەلەستىن تاراتقۇلىرىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە 11-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن غەززا شەھىرىدىكى بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلغان، تەخمىنەن 50 پەلەستىنلىك قازا قىلغان. خەۋەردە، بۇ مەكتەپ غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن مۇساپىرنى قوبۇل قىلغان دېيىلدى.

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن غەززە رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى كونترول قىلىشنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 11-ئاينىڭ 10-كۈنى غەززە رايونى پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنى قايتىدىن ئىشغال قىلىشىنى قوبۇل قىلمايمىز، دېدى.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有