ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 09:12

جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى. جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چىن بويۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭى بىر يىلدا، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر ئالدىدا، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشى بىلەن فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيەنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئادا قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭى تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.