ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا ئۈچىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى جاكارلىدى، پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى تېل ئاۋىۋقا راكېتا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-06 09:35

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى خالېۋى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىغا 3-باسقۇچلۇق قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شىمالىدىكى خاماسنىڭ نۇرغۇن تايانچ پونكىتلىرىنى ئىشغال قىلدى، ھازىر غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم نۇقتىغا قارىتا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى كەچتە غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خانيۇنۇس شەھىرىنىڭ مەركىزىگە كىرگەن ھەمدە ئۇ يەردە پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى بىلەن كەسكىن ئېتىشقان.

12-ئاينىڭ 5-كۈنى پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق راكېتا بومبا ئاتتى. تېل ئاۋىۋ شەھىرىدە شۇ كۈنى ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىندى، گەرچە بىر قىسىم راكېتا بومبىلار توسۇۋېلىنغان بولسىمۇ، بىراق شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەر ئىچىدە يەنىلا ئون نەچچە قېتىم پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:غەززە رايونىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ سانى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشى پارتلاشتىن ئىلگىرىكى 36 دىن ھازىرقى 18 گە ئازايدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززە رايونىدا قايتىدىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ھەم شىددەتلىك بومباردىمان قىلىنغانلىقىغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالارنى ۋە دوختۇرخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بېكىتكەن «غەززەنى قامال قىلىش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى خەرىتىسى» دە تارقاقلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك خادىملارنىڭ ئومۇمىي سانى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 250 مىڭغا يېقىن ئادەم غەززە رايونىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم سەرگەردان بولۇشقا دۇچار بولدى، دېدى. غەززەدىكى نۇرغۇن ئامما: ئۇل ئەسلىھەلەر بومباردىمان قىلىنغان، خەۋەرلىشىش راۋان بولمىغان شارائىتتا، پاناھلىنىدىغان جايىنىڭ يوقلىقىنى، يۆتكىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

44-نۆۋەتلىك پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئېچىلدى، يىغىندا دوھا خىتابنامىسى ماقۇللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ۋە سىجىل ئۇرۇش توختىتىش ھەمدە بارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ماددىي ئەشيالىرىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، غەززە رايونىدا دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن ئۇرۇش توختىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇراجىئەت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈشنى ئازايتىش، ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا ئۇيغۇن كېلىدىغان «ئىجابىي پىكىر» نى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە شەھىرى ئەتراپىدا چوڭ تىپتىكى سۇ پومپىسىدىن پايدىلىنىپ سۇ تارتىپ خاماسنىڭ غەززە رايونىدىكى يەر ئاستى سىستېمىسىنى سۇغا باستۇرىۋەتمەكچى، دېگەن سۆزلىرىگە قارىتا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى: «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىر قاتار قۇرۇلۇش تەدبىرلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ»، دېدى. ھازىرغىچە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا جايلاشقان 800 گە يېقىن يەر ئاستى يولىنى ۋەيران قىلدى ھەمدە قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان تەخمىنەن 180 يۈك ماشىنىسىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا ئۈچىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى جاكارلىدى، پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى تېل ئاۋىۋقا راكېتا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى خالېۋى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىغا 3-باسقۇچلۇق قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.