ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-06 10:01

تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى. تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونوم ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېڭ جيەنمىن ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى «ئىككى قىرغاق ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى»نى 2024-يىللىق خىزمەت باش تېمىسى قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچنى تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىرنى ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي خىزمەت تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى نامايەن قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك!

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى.