شيامېن مانگرو ئورمىنى بىلەن رومانتىك
مانگرو ئورمىنىنىڭ «دېڭىز ئۈستى ئورمانلىقى»، «دېڭىز ـ ئوكيان قوغدىغۇچىسى» دېگەن نامى بار، ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئېكولوگىيەلىك مۇلازىمەت قىممىتىگە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ مانگرو ئورمىنىنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئۇ شيامېندا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، بۇ خىزمەتنى ئۆزى تۇتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شيامېن دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسى، ئىختىساسلىقلار ۋە تەتقىقات ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شيامېن مانگرو ئورمىنىنىڭ نەم يەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، شيامېننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا گۈزەل نام كارتىسى ئاتا قىلدى.
چاغانلىق دەم ئېلىش ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، شيامېن شياتەنۋېي مانگرو ئورمىنى باغچىسىدىكى قىزغىنلىق يەنىلا پەسەيمىدى. باغچا مەدەنىيەت ساياھەت بۆلىكىنىڭ مەسئۇلى سەي پېڭ مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، باغچا 110 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە «رەقەملىك سېنارە ساياھىتى» شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر بەس-بەستە كېلىپ ھېس قىلىدىغان يېڭى كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلىغا ئايلاندى.
سەي پېڭ مۇنداق دېدى: بۇ تۈردە مانگرو ئورمىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ، رەقەملىك سىرلىق ئوردا، قىزىقارلىق تېپىشماق، قىزىقارلىق تۇراقلىق ئىبارىلەر قاتارلىق كۆپ خىل مۇسابىقىلىق ئويۇن ئۇسۇلى بەرپا قىلىنىپ، مانگرو ئورمىنى باغچىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك قىممىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.
مانگرو ئورمىنىنى ھازىر شيامېننىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. تىروپىك بەلباغ، سۇبتروپىك بەلباغ دېڭىز قىرغىقى تاشقىن ئارىلىقى بەلبىغىدا ئۆسىدىغان، مانگرو ئۆسۈملۈكلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بۇ خىل ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك تۈركۈمى تەرەققىي قىلغان يىلتىز سىستېمىسى ۋە كەڭ دەرەخ تاجىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دولقۇننىڭ زەربىسىنى ئۈنۈملۈك ئاجىزلاشتۇرالايدىغان بولغاچقا، «دېڭىز قىرغىقى قوغدىغۇچىسى» دەپ ئاتالغان. مانگرو ئورمىنىنى قوغداش شيامېندا خېلى بۇرۇنلا باشلانغان.
77 ياشلىق مانگرو ئورمىنى مۇتەخەسسىسى، شيامېن داشۆسى جياگېڭ شۆيۈەنى مۇھىت ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى لۇ چاڭيى «جۇڭگو مانگرو ئورمىنى ئاتىسى» لىن پېڭنىڭ تۇنجى ئاسپىرانتى. 1980-يىلى ئۇ ئۇستازىغا ئەگىشىپ ئېلىمىزنىڭ مانگرو ئورمىنى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى. شۇ چاغدا دۆلەت ئىچىدە مانگرو ئورمىنى تەتقىقاتى ئاز ئىدى، خەلقئارادىكى ئاساسلىق ئىلمىي ژۇرناللاردا جۇڭگو مانگرو ئورمىنى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىدى. لۇ چاڭيىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەينى چاغدا شيامېن مانگرو ئورمىنىنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن.
لۇ چاڭيى مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ جىننيۇ ئارىلىدا مانگرو ئورمىنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «مانگرو ئورمىنىنى قوغداشنى مەن شيامېندا خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئۆزۈم تۇتقان»، دېگەنىدى. قانداق قىلغاندا مانگرو ئورمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ شيامېن شەھىرى بۇنىڭغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. 1986-يىلىدىن 1987 - يىلىغىچە ئورمانچىلىق ئىدارىسى مانگرو ئورمىنى ئەھيا قىلىش تېخنىكىسى تەتقىقاتى، مانگرو ئورمىنى سورتىنى كىرگۈزۈپ يېتىشتۈرۈشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ئىككى قېتىم شيامېن داشۆسىگە 10 مىڭ يۈەن ئاجراتتى، 40 يىل ئىلگىرىكى 10 مىڭ يۈەن قانچىلىك پۇل؟ بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ.
لۇ چاڭيى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: شيامېن يۈنداڭخۇ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ تەدرىجىي يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 1987-يىلى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەتقىقات كوللېكتىپى خەينەننىڭ مانگرو دەرىخى سورتىنى جيۇلۇڭجياڭ دەرياسى ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىپ، سۈنئىي كۆندۈرۈش، تەبىئىي شاللاش ئارقىلىق، ئىپتىدائىي مانگرو ئۆسۈملۈك سورتى بىرلا خىل بولۇش مەسىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ يەردىكى مانگرو ئورمىنى ئېكولوگىيە تۈركۈمىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇردى. تېخنىكىنىڭ تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئەسىر ئالمىشىش پەيتىدە، بۇ كوللېكتىپ قىسمەن رايونلاردا كىچىك دائىرىدە سىناق قىلىپ تېرىشتىن بىر قەدەر چوڭ كۆلەمدە تېرىشقا ئۆزگەردى. شيامېن شەھەرلىك دېڭىز-ئوكيان تەرەققىيات ئىدارىسى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى يۈ يەنفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شيامېن شەھىرى بويىچە كۆلەملەشكەن مانگرو ئورمىنى 173.9 گېكتارغا يەتتى؛ ھازىر مانگرو ئورمىنىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەھەتتە شيامېن يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ مانگرو ئورمىنى كۆلىمى 29 مىڭ 200 گېكتارغا يېتىپ، دۇنيادىكى مانگرو ئورمىنى كۆلىمى ساپ ئاشقان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئېشىش جەريانىدا كىشىلەر مانگرو ئورمىنى بىلەن قانداق ئىناق ئۆتۈشنى تەدرىجىي ئۆگىنىۋالدى. ئېگىزدە تۇرۇپ تەنۋېي مانگرو ئورمىنى باغچىسىغا نەزەر سالساق، مانگرو ئورمىنىدىن ھاسىل بولغان يۈرەك شەكلى ۋە بەش يۇلتۇز شەكلى زۇمرەتتەك دېڭىز يۈزىدە سوزۇلۇپ، شيامېنغا يەنە بىر رومانتىك تۈس قوشىدۇ. يۈ يەنفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ بۈك-باراقسان يېشىللىق شيامېن ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىك ئېلىپ كەلدى.
يۈ يەنفېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «چوقۇم ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مانگرو ئورمىنىنى ياخشى قوغداش كېرەك» دېدى. كۆپچىلىك ھازىر بۈك باراقسان «دېڭىز ئۈستى ئورمانلىقى»نى كۆردى، بىز ئېكولوگىيەنى ئاساس، قوغداشنى نىشان، ئېچىشنى قوشۇمچە قىلىپ، ئەتراپتىكى بارلىق كەسىپلەرگە تۈرتكە بولدۇق، شۇنداقلا بۇ ئىنتايىن ياخشى ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات قىممىتىنىڭ نامايەندىسى.
تەرجىمان: پاتىگۈل