ماشىنىلاشقان، ئەقلىيلاشقان قار-مۇز تازىلاش قورالى مەيدانغا چىقتى، بۇ يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئامان-ئېسەنلىكنى قوغدىدى
قار-يامغۇر يېغىش مۇز تۇتۇشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جايلار قار تازىلاشتىكى «ئۆتكۈر قورالى»نى ئىشقا سېلىپ، يولدىكى قار پۈۋلەش ماشىنىسىدىن بوشلۇقتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغىچە ماشىنىلاشتۇرۇپ، يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىدى. بېيجىڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولىدا، خۇبېي قاتناش مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇش گۇرۇھى كىرگۈزگەن «قار پۈۋلەش شاھى» ناملىق قار تازىلاش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلماقتا. خىزمەتچى خادىم گۇەن يېجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قار تازىلاش ئاپتوموبىلىدىن چىققان ئىسسىق شامال يولدىكى قار-مۇزلارنى تېز سۈرئەتتە ئېرىتىدىكەن. خۇبېي ئۆلكىسى جىڭمېن شەھىرىنىڭ داۋداۋ رايونىدا، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاردا ئۇچۇپ، كۆكتات پارنىكى، زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ ئۈستىگە قار ئېرىتىش دورىسى چاچتى. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئۇچۇرغۇچى ليۇ كۈنپېڭ مۇنداق دېدى: ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن قار تازىلىغاندا ئادەم كۈچى بىلەن يېتىپ بارغىلى بولمايدىغان جايلارغا بارغىلى بولىدۇ، بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىر سائەتتە 20ـ30 مو پارنىكتىكى قارنى تازىلىيالايدۇ. زاۋۇت بىناسىنىڭ ئۈستىدە بىر سائەتتە 4000 كىۋادرات مېتىردىن 5000 كىۋادرات مېتىرغىچە مەشغۇلات ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
قار ئېرىتىش دورىسىنى چاچقاندىن كېيىن، تۆت-بەش سائەتتىن كېيىن قار ئاساسەن ئېرىپ بولىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شەندۇڭ چىڭداۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ئايرودۇرۇم قاتارلىق جايلاردا ئاۋىياتسىيە شامالدۇرغۇچى ئارقىلىق قار ئۇچۇرتۇلۇپ، ئادەم كۈچى يەنىمۇ تېجىلىپ، قار-مۇز تازىلاش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى. ئاۋىياتسىيە قاينام يەلپۈگۈچلۈك ئىسسىق قار تازىلاش ماشىنىسىنىڭ شامال سۈرىتى سېكۇنتىغا 30 مېتىرغا يېتىدۇ، ئېتىلىپ چىققان ئىسسىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 700 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ. چىڭداۋ خەلقئارا ئايروپورت گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ تيەنخاۋ مۇنداق دېدى: قار پۈۋلەش ماشىنىسى كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، قار-مۇز تازىلاش مەشغۇلات ئۈنۈمىمىز ئاز دېگەندىمۇ %50 تىن كۆپرەك ئاشتى، ناچار ھاۋا رايىدا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىز كۆرۈنەرلىك ئاشتى. جياڭسۇ شۈجۇدا تۆمۈر يول تارماقلىرى تەۋەلىكىدىكى 360 ئاچالدىكى قار ئېرىتىش قۇرۇلمىسىنىڭ ھەممىسىنى ئاچتى، دۆلەت تۆمۈر يولى شاڭخەي ئىدارىسى گۇرۇھى شۈجۇ توك ئىشلىرى ئوچاستىكىسىنىڭ خىزمەتچىسى جياڭ بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناچار ھاۋا رايىدا ئاچالدىكى قار ئېرىتىش قۇرۇلمىسى رېلىسنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تېز سۈرەتتە 80 گىرادۇسقا يەتكۈزەلەيدۇ، ۋوگزال نۆۋەتچىلىرى ئايلىنىش ئۆيىدە قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى باسسىلا مەشغۇلاتنى تاماملىيالايدۇ.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن