ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەت قاتلىمىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش قاراپ چىقىش مېخانىزمىنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئىسلاھاتنىڭ كۆزلىمە نىشانغا يېتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-02-23 18:32

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەت قاتلىمىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش قاراپ چىقىش مېخانىزمىنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئىسلاھاتنىڭ كۆزلىمە نىشانغا يېتىلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاۋ كەييۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوتى مەركەزلىك قاراپ چىقىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدىغانلىق دېگەن ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق قوغداشتا چىڭ تۇردى. بازارنىڭ ئادىل رىقابىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سوت كوللېگىيەسى پاتېنت قاتارلىق قانۇنلۇق مونوپول ھوقۇقلارنى ھەقىقىي قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مونوپوللۇققا ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلدى. تاۋ كەييۈەن مۇنداق دېدى: نۇرغۇن دېلولاردا ئەرز قىلىنغان قىلمىشنىڭ مونوپوللۇق شەكىللەندۈرىدىغانلىقى بېكىتىلدى، مەسئۇل بولۇپ تەييارلانغان مونوپوللۇققا قارشى ھەق تەلەپ دەۋاسىنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ. تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، «شياڭلەنسۇ» دېلوسى، «مېلامىن» دېلوسى، «كاۋچۇك كونىراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى» دېلوسى قاتارلىقلارغا 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم ھۆكۈم قىلىندى.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوتى بەش يىلدىن بۇيان چەت ئەلگە چېتىشلىق 1198 دېلونى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى باراۋەر قوغداپ، دۆلەت ھالقىغان ماجىرالارنى «شەرق تەجرىبىسى» بىلەن ماھىيەتلىك ھەل قىلدى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز پاتېنت ۋە ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى دېلولىرىنى ئەڭ كۆپ سوت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى، بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك ھۆكۈم-كېسىملەر دۆلەت ئىچى-سىرتىدا مۇھىم تەسىر پەيدا قىلدى، دۆلىتىمىز كۈندىن-كۈنگە خەلقئارا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دەۋاسىدا ئالدىن تاللىنىدىغان جايلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەت قاتلىمىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش قاراپ چىقىش مېخانىزمىنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئىسلاھاتنىڭ كۆزلىمە نىشانغا يېتىلدى

دۆلەت قاتلىمىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش قاراپ چىقىش مېخانىزمىنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئىسلاھاتنىڭ كۆزلىمە نىشانغا يېتىلدى.