ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان بىر يىلدا: ياڭ چاۋمىڭ جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچى بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-02-23 18:39

2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئەمدى «مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان بىر يىلدا» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شەندۇڭ داشۆسى كۇڭزى تەلىماتى ئالىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى ياڭ چاۋمىڭنى تونۇشتۇرىمىز. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئۇ جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈشكە تىرىشتى.

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ چاۋمىڭ شەندۇڭنىڭ تەيئەن فېيچېڭ شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەش تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى. بۇنداق مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ياڭ چاۋمىڭنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشقا يەنە كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكتى، «جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش» باشتىن ئاخىر ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلدى.

ياڭ چاۋمىڭ مۇنداق دېدى:مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، بىزنىڭ بۇ خىل ئىشەنچىمىزنى ئىچكى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىشتىكى ناھايىتى چوڭ ۋەزىپە ئەمەلىيەتتە تارىخىي ئەقىل-پاراسەتنى قوبۇل قىلىش.

ياڭ چاۋمىڭ بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى تەييارلىدى.

ياڭ چاۋمىڭ مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، مائارىپ باشقۇرغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان چۈشەنچىسى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە. قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى مائارىپ باشقۇرۇشتا، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەريانىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

كۆپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۆتكەن بىر يىلدا ياڭ چاۋمىڭ ھەم كىتاب ئوقۇدى، ھەم كۆپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئەل رايىغا كۆپرەك قۇلاق سېلىپ، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى سۆز قىلىش ئۇنىڭ يېڭى بىر يىلدا ئۆزىگە قويغان تەلىپى.

ياڭ چاۋمىڭ مۇنداق دېدى: ئويلىغانلىرىمنى نۆۋەتتىكى بىر قىسىم رېئاللىققا بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يەنىمۇ ئەتراپلىق ئۆزلەشتۈرۈپ، بىر قىسىم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تۈرتكىلىك رول ئوينايمەن.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان بىر يىلدا: ياڭ چاۋمىڭ جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچى بولدى

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ چاۋمىڭ شەندۇڭنىڭ تەيئەن فېيچېڭ شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ،