زاۋۇتلاردا ماس قەدەمدە ئىش باشلاندى، چاغاندىمۇ زاكاز قوبۇل قىلىندى، يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلار بازىرى تىجارەت باشلىغان ئىككى كۈندە ئەجدىھا يىلىدىكى تاشقى سودىدا ئىش ياخشى باشلاندى
رەقەملىك سودا تاشقى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا، جېجياڭنىڭ يىۋۇدىكى ئۇششاق تاۋارلار بازىرىدا چاغاندىن كېيىنكى بازار ئېچىلىشى بىلەن خېرىدارلار كۆپەيدى، تاشقى سودىدا ئىشنىڭ مۇقىم، ياخشى باشلىنىشىدىن ئۈمىد بار.
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇششاق تاۋارلار مەركىزى--يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە، پېرۇلۇق سودىگەر لۇنا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق جۇڭگو تاۋارلىرىنى ساتتى.
لۇنا مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگودا تۇرۇۋاتقىلى 10 يىلچە بولدى، بۈگۈن ئويۇنچۇق، زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئېكۋاتوردىكى دوستلارغا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتتىم.
سودىگەرلەر مال رەتلەش، يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش، تالون كېسىش ئىشلىرىغا كىرىشپ كەتتى، چاغاندىن كېيىنكى بازار ئېچىلغىنىغا ئىككى كۈن بولدى، ئويۇنچۇق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان لۇ چىڭرۇڭ زاكاز تالونىنى سىستېمىغا كىرگۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۇنىڭ تېلېفونى، زاكازى ئۈزۈلمىدى، ھازىر جياڭسۇ، خېنەندىكى زاۋۇتلاردا بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلاندى.
لۇ چىڭروڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە كۆزلىمە خېلى ياخشى بولدى، چۈنكى ئالدىنقى مەزگىلدە چاغان مەزگىلىدە بىر نەچچە خېرىدار زاكاز ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن ئىدى، بىز بۇ ماللارنى ئىشلەپ بولغان ئىدۇق. بۇ يىل سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقىدىن %30 ئەتراپىدا ئېشىشى مۇمكىن.
ھازىر يىۋۇدا دائىمىي تۇرۇشلۇق چەت ئەللىك سودىگەر 20 مىڭدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %100 كۆپەيدى؛ بازارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 2-ئاينىڭ 21-كۈنى چاغاندىن كېيىنكى بازار ئېچىلغان تۇنجى كۈندىكى ئومۇمىي ئېقىم مىقدارى 228 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، 75 مىڭ سودىگەر ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى، يىۋۇ جۇڭگو ئۇششاق تاۋارلار شەھەرچىسى چوڭ سانلىق مەلۇمات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ ۋېينىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار رەقەملىك ئېنېرگىيە بېرىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ماركىلارنىڭ «چەتئەلگە يۈزلىنىشى»گە ياردەم بېرىدىكەن.
سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ جيەنپىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى كەسىپ ھالىتىگە تايىنىپ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەنلىكتىن، تاشقى سودىدا ئىشنىڭ مۇقىم، ياخشى باشلىنىشىدىن ئۈمىد بار.
جاڭ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: يىۋۇنىڭ بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ھازىر تەرەققىياتقا ئىلھام بېرىدىغان يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنىڭ بىرى، جۇڭگونىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە تاشقى سودا رىقابەت كۈچىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى قوشۇلۇپ، جۇڭگو دۇنيا بازار ئېھتىياجىنىڭ قىسقىرىشىدەك غايەت زور بېسىمنى يەڭدى. تاشقى سودا بىلەن كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە يېڭى قىزىق نۇقتا ۋە يارقىن نۇقتىلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل