14-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 2-ئاينىڭ 22-كۈنى يەتتە ئالتۇن مېدال تارقىتىلدى
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 2-ئاينىڭ 22-كۈنى جەمئىي يەتتە ئالتۇن مېدال تارقىتىلدى، ئەركىن چاڭغا تېيىلىش بويىچە بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە، خېبېي كوماندىسى ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئەر-ئاياللارنىڭ يەككە مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئىككى ئورۇنغا ئېرىشتى، ئەركىن چاڭغا تېيىلىش ئاشكارا گۇرۇپپىسى بويىچە ئاياللارنىڭ يانتۇلۇقتىكى توسالغۇدىن ئۆتۈپ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە جىلىن ماھىرى ليۇ مېڭتىڭ 2-ئالتۇن مېدالغا، خېنەن كوماندىسىدىن خې جىنبو ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
2-ئاينىڭ 23-كۈنى 14-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 6 ئالتۇن مېدال تارقىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سەنشىگە ۋاكالىتەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى سۇ يىمىڭ زالەنتۇن مۇسابىقە رايونىدىكى ئەرلەرنىڭ چوڭ سەكرەش پەشتىقىدىن يەككە تاختىدا تېيىلىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. ئوخشاش بىر مۇسابىقە رايونىدا يەنە ئەركىن چاڭغا تېيىلىشتا بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش ئارىلاشما كوللېكتىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل