ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2024-يىلى مەملىكەت بويىچە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېيى ۋە بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ئىستېمال پەسلى بېيجىڭدا باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-02-23 18:39

سودا مىنىستىرلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «2024-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېيى ۋە بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ئىستېمال پەسلى» 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا باشلاندى.

بېيجىڭ لەنسېگاڭۋەن پائالىيەت نەق مەيدانىدا، چاغانلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىندى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن كەلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېسىل مەھسۇلاتلىرى، يەرلىك تائاملار، داڭلىق كونا ماركىلار، يېڭى ئىستېمال ماركىلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. مەيداننىڭ مەركىزىي رايونىدا، باش ئىستانسا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، باش ئىستانسا بېيجىڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىگە ئاتاپ ئىجاد قىلغان «بېيجىڭ سوۋغىسى» ۋە K/8K 4 سۈپسۈزۈك ئېكران، «تىك ئېكراندا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرۈش» قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلار ئالاھىدە نامايەن قىلىندى.

بېيجىڭ، تيەنجىننىڭ خەلقئارا ئىستېمال مەركىزىي شەھىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە قۇرۇشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جاي يەنە بىر قېتىم قول تۇتۇشۇپ ئىستېمال پەسلى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىچە مال سېتىۋېلىش، ساياھەت-ئىستىراھەت، مەدەنىيەت-ئويۇن قويۇش، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق ئېسىل پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە يولغا قويدى.

«2024-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېيى» چاغاندىن كېيىن باشلانغان تۇنجى مەيدان مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىستېمال پائالىيىتى. ھەرقايسى جايلار دىققەتنى «دۆلەت ماللىرى، مودا مەھسۇلاتلار» باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، چاغانلىق ئىستېمال بازىرىدا ئىشنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئۇدا بەش يىل سودا مىنىستىرلىقى، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ يىل باش ئىستانسا يۇغۇرما تارقىتىش ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمال ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا، ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا پائال ياردەم بېرىدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2024-يىلى مەملىكەت بويىچە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېيى ۋە بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ئىستېمال پەسلى بېيجىڭدا باشلاندى

سودا مىنىستىرلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «2024-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېيى ۋە بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ئىستېمال پەسلى» 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا باشلاندى.