ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 11:34

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2024-يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2024-يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئەزالارنى «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ياخشى تەشكىللەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر كېڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە كۈچ چىقىرىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئەزالارنى كىتاب ئوقۇشقا تەشكىللەش، نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى بىلەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنى قوراللاندۇرۇشنىڭ چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

يىغىندا «سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق تەۋسىيەلەرنى تاللاش ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلى» ۋە «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئومۇمىي لايىھە» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا شى لېينىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7-سانلىق يىغىنىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ۋاڭ يۇڭ، جۇ چياڭ، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

(تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل )

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى