ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىغا چىرىشتىن ساقلىغۇچ قوشۇشقا بولمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 15:10

 

بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق ئالتە مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىشىپ «ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىلارنىڭ دائىرىسىنى تۇنجى قېتىم دۆلەت قاتلىمىدىن ئايدىڭلاشتۇرغان. ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىلار يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ، سانائەتلەشتۈرۈپ ئالدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ، قىزىتىپ ياكى پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يېيىشكە بولىدىغان ئالدىن ئورالغان قورۇمىلار بولۇپ، چىرىشتىن ساقلىغۇچ قوشۇشقا بولمايدۇ، مەركىزىي ئاشخانىدا تەييارلانغان قورۇمىلار ئالدىن تەييارلانغان قورۇما دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ، پەقەت يۇيۇش، پوستىنى سويۇش، توغراش ئارقىلىق ئاددىي پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، پىشۇرۇلمىغان پاكىز كۆكتات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىغا تەۋە، ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىغا كىرمەيدۇ، تېز توڭلىتىلغان ئۇن گۈرۈچ يېمەكلىكى، تەييار يېمەكلىك، قۇتىلىق تاماق قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىغا كىرمەيدۇ، دېيىلگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىغا چىرىشتىن ساقلىغۇچ قوشۇشقا بولمايدۇ

بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق ئالتە مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىشىپ