ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنگلىيە خانىشى راك كېسىلىنى داۋالىتىۋاتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 15:24

 

شۇ جاي ۋاقتى 22-مارت، ئەنگلىيە خانىشى كەيت ۋىدېيودا بايانات ئېلان قىلىپ، راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كەيتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ يىل 1-ئايدا قورساق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، لېكىن «ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتە راك كېسىلىنىڭ ئاللىقاچان مەۋجۇت ئىكەنلىكى بايقالغان». ئۇنىڭ داۋالاش ئەترىتى ئۇنىڭغا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك خىمىيەلىك داۋالاش جەريانىنى قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەردى، ئۇ ھازىر داۋالاشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

بۇ يىل 7-يانۋار، ئەنگلىيە ۋەلىئەھدى ۋە خانىش سارىيى كېنسىنتون سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خانىش كەيتنىڭ قورساق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلىقى، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆيىدە ئارام ئالىدىغانلىقى، 31-مارت پاسخا بايرىمىغىچە ھۆكۈمەت پائالىيىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتتقان ئىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەنگلىيە خانىشى راك كېسىلىنى داۋالىتىۋاتىدۇ

شۇ جاي ۋاقتى 22-مارت، ئەنگلىيە خانىشى كەيت ۋىدېيودا بايانات ئېلان قىلىپ، راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.