ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ش ئا ئە ت نىڭ يۇگوسلاۋىيەنى بومباردىمان قىلغىنىغا 25 يىل بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 15:46

 

شۇ يەر ۋاقتى 24-مارت كەچتە، سېربىيە ھۆكۈمىتى جەنۇبتىكى كىچىك شەھەر پروكۇپلېجې مەركىزىي مەيدانىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا سېرب جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى دودىك قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

1999-يىلى 24-مارت ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاتالمىش «ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىدىن ساقلىنىش» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، شۇ چاغدىكى يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىغان. 78 كۈن داۋاملاشقان بومباردىماندا 2000 دىن ئارتۇق بىگۇناھ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6000 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، بىر مىليونغا يېقىن ئادەم يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ش ئا ئە ت نىڭ يۇگوسلاۋىيەنى بومباردىمان قىلغىنىغا 25 يىل بولدى

شۇ يەر ۋاقتى 24-مارت كەچتە، سېربىيە ھۆكۈمىتى جەنۇبتىكى كىچىك شەھەر پروكۇپلېجې مەركىزىي مەيدانىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يۇگوسلاۋىيە