ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيەنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى خەلقنىڭ ئەندىشسىنى قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 16:06

 

ياپونىيە ساقچى نازارىتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى ياپونىيەدە جىنايى ئىشلار دېلوسى 601 مىڭدىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %5.9 كۆپەيگەن. ياپونىيە ساقچى نازارىتى يېقىندا ئېلان قىلغان 2023-يىللىق جىنايەت ئەھۋالى ئىستاتىستىكا دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى ياپونىيە ساقچىلىرى ئىگىلىگەن مەملىكەت بويىچە جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ سانى 700 مىڭدىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %17 كۆپەيگەن. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ دۆلەتتە جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ سانى ئۇدا ئىككى يىل ئاشقان بولۇپ، بۇ ياپونىيە ئامانلىق ئەھۋالىنىڭ داۋاملىق يامانلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. 

ياپونىيە ساقچى نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر ياپونىيە كوچىلىرىدا بۇلاڭچىلىق قىلىش، ۋېلسىپىت ئوغرىلاش قاتارلىق «كوچا جىنايىتى» دېلولىرى 240 مىڭدىن ئېشىپ، 2022- يىلىدىكىدىن %21 كۆپەيگەن؛ ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەت دېلولىرى 50 مىڭدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.1 كۆپەيگەن؛ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق ئېغىر جىنايەت دېلولىرى 10 مىڭدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.8 كۆپەيگەن. 

ياپونىيەدە تور جىنايىتى كۈندىن-كۈنگە ئەدەپ كەتتى. «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتتە بۇلتۇر توردا قانۇنسىز مەبلەغ يۆتكەش جىنايەت دېلولىرىنىڭ سانى 5528گە يېتىپ، 2022-يىلىدىكىنىڭ تەخمىنەن بەش ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن، زىيان سوممىسى تەخمىنەن 8 مىليارد 600 مىليون ياپونىيە يېنىغا يەتكەن. تور ئالدامچىلىقىنىڭ ياپونىيە خەلق ئاممىسىغا كەلتۈرگەن زىيىنى تەخمىنەن 77 مىليارد 200 مىليون ياپونىيە يېنى بولۇپ، ھەر كۈنى 200 مىليون ياپونىيە يېنىدىن ئېشىپ كەتكەنگە باراۋەر. ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە «يومىئۇرى خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيەدە توردا «قارا قوشۇمچە خىزمەت قىلىش» ئارقىلىق جىنايەت پەيدا قىلىش مەسىلىسىمۇ ئىنتايىن گەۋدىلىك بولغان. بەزى ياشلار تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ھەق ئېلىشنى ئويلاپ، تۈرلۈك «قارا قوشۇمچە خىزمەت قىلىش»قا تەكلىپ قىلىنغان، بۇنىڭ بىلەن بىر قاتار جىنايەت مەسىلىلىرى كېلىپ چىققان.

تور جىنايىتى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ياپونىيە توكيو مەركىزىي شەھەر داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى شۇچىرو خوشى مۇنداق دەپ قارىدى: توردا پوچتا ئارقىلىق سېتىۋېلىش ۋە توردا چىقىم قىلىشنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ياپونىيەنىڭ تور جىنايىتى شەكلىمۇ تېخىمۇ كۆپ خىللاشتى. ياپونىيە ساقچى نازارىتىنىڭ باشلىقى ياسۇخىرو سۇيۇكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تور مەبلىغى ئالدامچىلىقىدىن باشقا، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدىكى مۇھەببەت ئالدامچىلىقى قاتارلىق ئالدامچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانمۇ ئېشىۋاتىدۇ، ياپونىيە ساقچى تەرەپ جىددىي تەدبىر قوللىنىپ بۇنى توسىماقتا. 

ياپونىيەدە ئامانلىق ئەھۋالى داۋاملىق يامانلىشىپ، خەلق ئاممىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئەندىشىگە سالدى. بۇلتۇر 10-ئايدا، ياپونىيە ساقچى نازارىتى بۇ دۆلەتتىكى 15 ياشتىن يۇقىرى 5000 كىشىگە قارىتا بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. 10 يىلدىن بۇيان ئامانلىق ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغان-ياخشىلانمىغانلىقى سورالغاندا %71.9 زىيارەت قىلىنغۇچى «ئامانلىق ناچارلاشتى» ياكى «ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئامانلىق ناچارلاشتى» دەپ قارىغان، بۇ نىسبەت 2022 يىلىدىكىدىن  %4.8 يۇقىرى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيەنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى خەلقنىڭ ئەندىشسىنى قوزغىدى

ياپونىيە ساقچى نازارىتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى ياپونىيەدە جىنايى ئىشلار دېلوسى 601 مىڭدىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %5.9 كۆپەيگەن. ياپونىيە ساقچى