ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ماكرون: رۇسىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەسەبىي تەشكىلات قىلغان

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 16:07

 

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 25-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: فىرانسىيە ئىگىلىگەن ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ موسكۋا ئوبلاستىدىكى كونسېرت زالىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەسەبىي تەشكىلات سادىر قىلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات يېقىندا فىرانسىيە زېمىنىدا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىماقچى بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ماكرون شۇ كۈنى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فىرانسىيەگە قاراشلىق گۋىئاناغا يېتىپ بارغان، ئۇ يەردە، ئۇ موسكۋا ئوبلاستىدىكى كونسېرت زالىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسى توغرىسىدا مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: فىرانسىيە ئىگىلىگەن ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى پىلانلىغان ۋە قوزغىغان. ئۇ يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن: «بۇ تەشكىلات ئىلگىرى كۆپ قېتىم فىرانسىيەدە ھۇجۇم قوزغىماقچى بولغان».

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ماكرون رۇسىيەنى بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ ئۇكرائىناغا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىۋەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ماكرون: رۇسىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەسەبىي تەشكىلات قىلغان

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 25-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: فىرانسىيە ئىگىلىگەن ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە،