ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

21-نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسپى كۆرگەزمىسى باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-23 10:28
بەش كۈن داۋاملىشىدىغان 21-نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسپى كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم سۈنئىي ئەقىل كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىپ، كۆرگەزمە ۋە سودا ئىقتىدارى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەلقئارالىشىش، بازارلىشىش، كەسىپلىشىش، رەقەملىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.
بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە ئۈچ ئۇنىۋېرسال ساراي ۋە بەش كەسپىي ساراي تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 120 مىڭدىن ئارتۇق مەدەنىيەت مەھسۇلاتى كۆرگەزمە قىلىندى، 4000 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرى نەق مەيداندا كۆرگەزمە قىلىندى. سۈنئىي ئەقىل كۆرگەزمە رايونىدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ماشىنا ئادەم، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئەقلىي  كۆزئەينەك، ئەقلىي  تىڭشىغۇچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆرگەزمىدە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەڭ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، 22 تۈرلۈك تەدبىر پىلانلىنىپ، سودىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كېڭىيىشى، تولۇق زەنجىرلىك ئېنېرگىيە بېرىش، پۈتۈن مۇساپە توسالغۇسىز بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر دىڭ چىچاۋ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدىكى مەدەنىيەت يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى دەرىجىدىن تاشقىرى ئېلان قىلىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىدىكى يېڭى چوڭ مودېل ۋە سودا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.  
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە دۇنيادىكى 65 دۆلەت ۋە رايون، 305 چەت ئەل كۆرگەزمە سودىگىرىنى تور ئىچى-سىرتىدا كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 110 دۆلەت ۋە رايوندىن  35 مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەللىك كەسپىي تاماشىبىن تور ئىچى-سىرتىدا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىكەن.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت 
 
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

21-نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسپى كۆرگەزمىسى باشلاندى

21-نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسپى كۆگەزمىسى باشلاندى