ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مىللەتلەر تىلىدىكى پىروگرامما تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە يېڭى جۇڭگو مىللەتلەر رادىيو ئىشلىرى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 75 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-23 10:48
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مىللەتلەر تىلىدىكى پىروگرامما تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە يېڭى جۇڭگو مىللەتلەر رادىيو ئىشلىرى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 75 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركەزنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ئاڭلىغۇچىلار ۋەكىللىرى ھەمدە باش ئىستانسىنىڭ مىللەتلەر تىلىدىكى پىروگرامما خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈش، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى نۇرلاندۇرۇش، ئىتتىپاقلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسەتتى.
1950-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەسلىدىكى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ زاڭزۇچە ئاڭلىتىشى باشلانغان، يېڭى جۇڭگونىڭ مىللەتلەر رادىيو ئىشلىرى شۇنىڭ بىلەن بارلىققا كەلگەن. مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مىللەتلەر تىلىدىكى رادىيوسى مەركەز تاراتقۇلىرى ئىچىدىكى مىللەتلەر تىللىرى بويىچە ئايرىم تەسىس قىلىنغان بىردىنبىر ئاپپارات بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تۆت يۈرۈش رادىيو چاستوتىسى ۋە بەش خىل مىللەت تىلىدىكى تور بېكەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭىلاش، سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ سۇپىدا يېڭى تاراتقۇ نومۇرى بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر تىلىدىكى پىروگراممىلارنى تارقىتىش توپىنى شەكىللەندۈرىدى. «قارلىق ئېگىزلىككە داھىي مۇھەببىتى چوڭقۇر» قاتارلىق نۇقتىلىق سەھىپىلەرنى تەسىس قىلىپ، «ئانار دانىسىدەك مۇھەببەت»، «بىز» قاتارلىق نادىر پىروگرامما ۋە مەخسۇس خەۋەرلەرنى ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ھېكايىسىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل





 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مىللەتلەر تىلىدىكى پىروگرامما تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە يېڭى جۇڭگو مىللەتلەر رادىيو ئىشلىرى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 75 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مىللەتلەر تىلىدىكى پىروگرامما تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە يېڭى جۇڭگو مىللەتلەر رادىيو ئىشلىرى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 75 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى