ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«شېنجۇ--20-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىملىق بۆلمەدىن چىقىش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-23 11:10
بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 16دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، تەخمىنەن سەككىز سائەت بۆلمەدىن چىقىش پائالىيىتى ئارقىلىق، «شېنجۇ 20-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى چېن دۇڭ، چېن جۇڭرۈي، ۋاڭ جيې يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، يەر يۈزىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ماسلىشىشى ۋە قوللىشى بىلەن تۇنجى قېتىملىق بۆلمەدىن چىقىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
5-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 8 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، «شېنجۇ 20-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسى 01 گۇرۇپپىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسى چېن دۇڭ تىيەنخى يادرولۇق بۆلمەسى تۈگۈنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. سائەت 8 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە چېن دۇڭ بۆلمەدىن چىقتى. سائەت 12 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، «شېنجۇ 20-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسى 02  گۇرۇپپىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسى چېن جۇڭرۈي بۆلمەدىن چىقتى. بۇ قېتىمقى ۋەزىپە جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ 20-قېتىم بۆلمەدىن چىقىشى.
جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پەن تەتقىقات مەشىق مەركىزىدىكى زۇ پېڭفېي باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بۆلمەدىن چىقىش جەريانىدا ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، مەشغۇلاتى دەل جايىدا بولدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ناھايىتى ياخشى ماسلاشتى، يەر يۈزى بىلەن بولغان ماسلىشىشىمۇ ناھايىتى راۋان بولدى.
زۇ پېڭفېي مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىملىق بۆلمەدىن چىقىش پائالىيىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئېلىمىزنىڭ بۆلمەدىن چىقىش ھەرىكەت تېخنىكىسىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى، ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ كېيىنكى قەدەمدە بوشلۇق پونكىتىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك يۈرۈشۈشىدە تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ.»
بۇ بوشلۇق پونكىتىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەندىن بۇيان، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم  تىيەنخى يادرولۇق تۈگۈن بۆلمەسىدىن چىقىشى. مەملىكەتلىك بوشلۇق تەكشۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە باش ئىلمىي تارقىتىش مۇتەخەسسىسى پاڭ جىخاۋ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: تۈگۈن بۆلمەسى بىلەن بېسىم بۆلمەسى ئۆز-ئارا زاپاس ساقلانسا تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنداق بولغاندا بوشلۇق پونكىتى بۆلمىسى سىرتىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان تۈرلۈك ياساش ۋە ئىلمىي تەجرىبە خىزمىتى تېخىمۇ جانلىق بولىدۇ.
پاڭ جىخاۋ مۇنداق دېدى:«چۈنكى بۇ قېتىم مېڭتيەن بۆلمەسىگە بېرىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارىمىز، بۇنداق بولغاندا بىز زاپاس بېسىم بۆلمەسى، يەنى تۈگۈن بۆلمەسى ئارقىلىق بۆلمەدىن چىقساق، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بۆلمەدىن چىققاندىن كېيىنكى يۆتكىلىش ئارىلىقىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زاپاس بۆلمەنىڭ ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرگىلى بولىدۇ».
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى ۋەزىپە ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەندىن بۇيان، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بۆلمەدىن چىقىش ۋەزىپىسى بىلەن يۈكنىڭ بۆلمەدىن چىقىش ۋەزىپىسىنىڭ تۇنجى قېتىم باغلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھىدىن جاڭ چياۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مەشغۇلات ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ بۆلمەدىن چىقمىدى، مەشغۇلات ئۈسكۈنىلىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن بۇرۇن بۆلمەدىن چىقىپ، ۋاقىتلىق ئالمىشىش نۇقتىسىغا توختىتىپ قويۇلدى، بۇمۇ كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك قۇراشتۇرۇپ ياساش ۋەزىپىسىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان سىناق.»

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«شېنجۇ--20-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىملىق بۆلمەدىن چىقىش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى

«شېنجۇ--20-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىملىق بۆلمەدىن چىقىش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى