ئېلىمىزنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش سەۋىيەسى مۇقىم ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-23 11:13
2025-يىللىق خەلقئارا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىچۈن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە 200 خىلدىن ئارتۇق ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلار ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %25 تىن ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش سەۋىيەسى مۇقىم ئاشتى.
جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانلارنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى.
ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۈ خۇيۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، قۇرۇقلۇقنىڭ %30تىن كۆپرەكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدۇق، مۈشۈكئېيىق، يىلپىز، شەرقىي شىمال يولۋىسى، تىبەت بۆكىنى، ئاسىيا پىلى قاتارلىق بىر تۈركۈم بايراقدار تۈرلەرنىڭ دالا تۈر توپىنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى. يەر شارى بويىچە ئالدى بىلەن تۇپراقنىڭ چېكىنىشىنى «نۆل ئاشۇرۇش»، چۆللىشىش، قۇملىشىش يەر كۆلىمىنى «قوش قىسقارتىش»، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %25تىن ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەر شارى بويىچە ئورمان بايلىقىنىڭ ئېشىشى ئەڭ كۆپ، ئەڭ تېز دۆلەتكە ئايلاندى.
يۈ خۇيۋېن مۇنداق دېدى:جۇڭگو «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تۈزەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يۈ خۇيۋېن مۇنداق دېدى:«جۇڭگو ئالدى بىلەن مەبلەغ چىقىرىپ كۈنمىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى فوندى قۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىشلىرىنى قوللىدى. تۇنجى تۈركۈمدە 9 تۈرنى قوللىدى، بۇ ئالتە قىتئەدىكى 15 تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنى قاپلىدى. نۆۋەتتە بىز 2-تۈركۈمدىكى تۈرلەرنى تاللاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىمىز. جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىۋاتىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى