مەملىكەت بويىچە يان تېلېفون قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش يېڭى تولۇقلىمىسى سېتىش مىقدارىنىڭ 50 مىليوندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-24 09:25
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا تورىدا پارچە سېتىلىش سوممىسى %7.7 ئاشقان. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوخشاش مەزگىلدە، مەملىكەت بويىچە رەقەملىك مەھسۇلاتلارنىڭ توردا سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئەقلىي ماشىنا ئادەم، ئەقلىي ئائىلە جاھازىلىرى سىستېمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87.6 ۋە %16 ئاشتى.
بۇنىڭدىن باشقا، چەكلىك سوممىدىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.4 ئېشىپ، 16 چوڭ تۈردىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. «يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي قول سائىتى، ئەقلىي بىلەيزۈك سېتىۋېلىشقا تولۇقلىما بېرىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، 5-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، 48 مىليون 848 مىڭ ئىستېمالچى يان تېلېفون قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتتىن 51 مىليون 483 مىڭنى سېتىۋېلىپ، 143 مىليارد 260 مىليون يۈەنلىك سېتىشقا تۈرتكە بولدى.
سودا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يان تېلېفون قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يەرلىكنىڭ تولۇقلىما بېرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىستېمال تەسىراتىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسەتنى يولغا قويۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى