ترامپ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە دۇنيادىكى يان تېلېفون ياساش سودىگەرلىرىگە تاموژنا بېجى تەھدىتى سالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-24 09:53
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېڭىشىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى، دېدى. ئۇ 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلاردىن %50 تاموژنا بېجى ئېلىش، ئەگەر مەھسۇلات ئامېرىكىدا ياسالسا ياكى ئىشلەپچىقىرىلسا، تاموژنا بېجى تاپشۇرماسلىق تەكلىپىنى بەردى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سودا ۋە ئىقتىساد بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل ئەزالار ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى بىلەن تېلېفونلىشىدۇ، بۇندىن بۇرۇن بۇ خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرمايدۇ.
ترامپ شۇ كۈنى يەنە مۇنداق دېدى: كورېيە سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتى ۋە باشقا يان تېلېفون ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارمۇ تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدۇ، ئومۇمەن چەت ئەلدە ياسالغان ھەم ئامېرىكىدا سېتىلغان ئالما تېلېفون بولسا، ئاز دېگەندە %25 تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدۇ، ئالاقىدار سىياسەتلەر 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن.
5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالما پاي باھاسى، ئامېرىكا پاي كۆرسەتكۈچى قەرەللىك مېلى ۋە ياۋرو باھاسى چۈشتى. ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە، ئالما تېلېفونىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %3 تىن ئېشىپ، بازار قىممىتى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئازلاپ كەتتى. ترامپنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرى ياۋروپا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، مۇھىم پاي كۆرسەتكۈچلىرى ئارقا-ئارقىدىن تۆۋەنلىدى.
ئامېرىكىدىكى پايدا ئالمايدىغان بىر ئەلئارا ئاخبارات تور بېكىتى يېقىندا نەچچە يۈز پارچە ئاكسىيە سودىسىنى ئاشكارىلاش دوكلاتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەدلىيە مىنىستىرى، قاتناش مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئون نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، پارلامېنت خىزمەتچىلىرى ھەتتا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ترامپ ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى» ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن پاي چېكىنى سېتىۋەتكەنلىكىنى بايقىدى. ئامېرىكا ئاممىۋى پىكىرى ترامپنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ «ئەتراپىدىكى كىشىلەر»نىڭ پاي چېكى بازىرىنى كونترول قىلىپ، يوشۇرۇن سودا قىلىپ زور پايدىغا ئېرىشكەن ـ ئېرىشمىگەنلىكىدىن گۇمانلانماقتا.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل