ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، باھالاش ۋاقتى 15 كۈنگە قىسقارتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-24 10:09
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا بىرلىكتە «ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تارقىتىپ، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر، كېسەل ياكى باشقا سەۋەبتىن مېيىپ بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇردى.
چارىگە ئاساسەن، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش دەسلەپكى باھالاش ۋە قايتا باھالاش دەپ ئايرىلدى، دەسلەپكى باھالاشقا قايىل بولمىغانلار قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قايتا باھالاش ئاخىرقى يەكۈن بولىدۇ. ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قايتا تەكشۈرۈپ باھالاش، كېسەل ياكى باشقا سەۋەب بىلەن مېيىپ بولۇپ قېلىپ، كېسەللىك، مېيىپلىك ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى ۋە تەلىپى توغرىسىدا چارىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىلمىي جەمئىيىتى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى كەسپىي كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى شى فۇماۋ مۇنداق دەپ قارىدى: چارىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى. چارىدە خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر بولمىغان ماتېرىياللارنى ئازايتىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە بولىدىغان ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن تەكرار تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلماسلىق تەلەپ قىلىندى؛ باھالاش ۋاقىت چەكلىمىسى قىسقارتىلىپ، يەكۈننى يەتكۈزۈش ۋاقىت چەكلىمىسى 20 كۈندىن 15 كۈنگە قىسقارتىلدى؛ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، توسالغۇسىز مۇلازىمەت ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.


تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، باھالاش ۋاقتى 15 كۈنگە قىسقارتىلدى

ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، باھالاش ۋاقتى 15 كۈنگە قىسقارتىلدى