باش بەت>>ئىقتىساد
گوۋۇيۈەن «يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرىزنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-02 14:49:51

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا گوۋۇيۈەن «يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرىزنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرىزنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئالغان ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزلەر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينىدى. ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ھازىر ئېلىمىزنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئەمما قەرز ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت، بەزى جايلاردا بەلگىلىك خېيىم-خەتەر يۇشۇرۇن خەۋپى بار.

شۇڭا «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: «قويۇپ بېرىش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىش، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىم ئالغا سىلجىتىش» پىرىنسىپى بويىچە، «قەرز ئېلىش، ئىشلىتىش، قايتۇرۇش» بىرلەشتۈرۈلگەن يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز باشقۇرۇش مىخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن، قېلىپلاشقان يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز ئېلىش مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مىخانىزمى ئورنىتىشنى تېزلىتىش. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە قانۇن بويىچە مۇۋاپىق قەرز ئېلىش ھوقۇقى بېرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىپ، قائىدە بويىچە قەرز ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىش؛ ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى قوللىنىشنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈشكە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ كۆلىمىنى كونترول قىلىش ۋە خامچوتىنى باشقۇرۇش. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قەرز ئالغاندا تەستىقلانغان سوممىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك، قەرز سوممىسىنى گوۋۇيۈەن بېكىتىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر چېكى بەلگىلەنگەن سومما ئىچىدە ئالغان قەرز ئاممىۋى پاراۋانلىق كاپىتالى چىقىمى ۋە ساقلانما قەرزنى مۇۋاپىق قايتۇرۇشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، دائىملىق چىقىمغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۈچىنچىدىن، يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپىنى كونترول قىلىش ۋە ھەل قىلىش. يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش مىخانىزمى ئورنىتىپ، خېيىم-خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن قەرز يۇقىرى خېيىم-خەتەر رايونلىرىنىڭ خەۋپىنى تەدرىجى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق