باش بەت>>ئىقتىساد
سودا ساھەسىدە توغرا قارار چىقىرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-23 10:19:39

 

 

سودا ساھەسىدىكى ياكى كەسىپ تاللاشتىكى خاتالىقىمىز ئىستىقبالىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خاتالىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ بىر خىل ئارقىغا چېكىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، بىز توغرا قارار چىقىرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ھېچبولمىغاندا چىقارغان توغرا قارارلىرىمىز خاتا قارارلىرىمىزدىن كۆپرەك بولۇشى كېرەك. كۆپ ساندىكى ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بۇ خىل توغرا قارار چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۇغما بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. مەيلى كىملا بولسۇن، پەقەت ئازراق ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل توغرا قارار چىقىرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلىسىلا، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. مەسىلەن، ئالدى بىلەن سىز چوقۇم بەزى قارارلارنى ھەقىقەتەنمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك.

"خارۋارد سودا مەكتىپىدە سىزگە ئۆگەتكىدەك بىلىم يوق" ناملىق بۇ مۇنەۋۋەر ئەسەردە ئاپتۇر كىشىنى ھەيران قالدۇرىغان مۇنداق بىر مىسالنى ئېلىش ئارقىلىق بۇ قائىدىگە چۈشەنچە بەرگەن.

ئىت يېمەكلىكى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مال سېتىش خۇلاسە چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. يىغىن جەريانىدا شىركەتنىڭ باش لېدىرى شىركەت ئېلان مۇدىرىنىڭ بارلىق كىشىلەرگە ئېيتقان يېڭىچە بىر خىل مال سېتىش لايىھىسىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئېلان بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بۇ خىل يېڭىچە مال سېتىش لايىھىسىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ياخشىلىقىنى، ھەتتا بىر مەيدان "ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئىنقىلاب"نى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى سۆزلەپتۇ. ئارقىدىنلا شىركەت سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ: "نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان مال سېتىش بېسىمى گەرچە كىشىنى تولىمۇ بىزار قىلسىمۇ، ئەمما سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى پۇرسەت" دەپتۇ. بارلىق تارماقلارنىڭ مۇدىرلىرى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا باش لېدىر خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: "يۇقىرىدا بىز بارلىق مۇدىرلارنىڭ شىركىتىمىزنىڭ كەلگۈسى سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ياخشى پىلان، تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق. ئەمما، خۇلاسە چىقىرىشتىن ئاۋال كۆپچىلىكتىن شۇنداق بىر سۇئالنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز ئەڭ ياخشى ئېلانلارنى بېرىپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشسەكمۇ، ھەتتاكى ئەڭ زور مال سېتىش بېسىمى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان ئىت يېمەكلىكلىكلىرى باشقا شىركەتلەرنىڭكىدىن ئاز بولىدۇ؟

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق