باش بەت>>ئىقتىساد
روسىيە مىليادىرلىرى رۇبلى پاخاللىشىشى سەۋەبىدىن 50 مىليارد دوللار زىيان تارتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-18 09:52:57

 

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 17-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىمبارگو يۈرگۈزۈش سەۋەبىدىن ۋە نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ تەسىرى ئاستىدا رۇبلىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ پاخاللىشىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن روسىيە مىليادىرلىرى ئاچچىق بەدەل تۆلىدى. بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە مىليادىرلىرىنىڭ تارتقان زىيىنى 50 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن. CNN روسىيىدىكى ئەڭ كۆپ زىيان تارتقان مىليادىرلارنى سىتاستىكا قىلىپ چىققان بولۇپ، تۆۋەندە رۇبلى پاخاللىشىشى سەۋەبىدىن ئەڭ كۆپ زىيان تارتقان 10 مىليادىر قىسقىچە تونۇشتۇرىلىدۇ:

1. لېئونىد مىكخېلسون (Leonid Mikhelson)--تارتقان زىيىنى سەككىز مىليارد 700 مىليون دوللار. لېئونىد مىكخېلسون روسىيە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى نوۋاتېك شىركىتىنىڭ رەئىسى، ئۇنىڭ تارتقان زىيىنى ئەڭ كۆپ بولۇپ، رۇبلىنىڭ پاخاللىشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ مال-مۈلكى سەككىز مىليارد 700 مىليون دوللار كېمىيىپ كەتكەن، يەنى پۈتۈن مال-مۈلكىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك زىيان تارتقان. ئۇكرائىنا كىرزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، لېئونىد مىكخېلسوننىڭ شىركىتى ئامېرىكا تەرىپىدىن جازالانغان تۇنجى تۈركۈمدىكى شىركەت بولۇپ قالغان.

2. ۋىلادىمىر لىسىن (Vladimir Lisin)-- تارتقان زىيىنى يەتتە مىليارد دوللار. ۋىلادىمىر لىسىن روسىيە نوۋولىپېتىسىك سىتىل پولات-تۆمۈر شىركىتى (Novolipetsk Steel) نىڭ رەئىسى ھەمدە ئەڭ چوڭ پاي چېكى بولۇپ، ئۇ بۇرۇن روسىيىدىكى ئەڭ باي شەخىس ئىدى، بىراق ئۇ بۇ يىل يەتتە مىليارد دوللار بولغان بولۇپ، بايلىقىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك زىيانغا ئۇچرىغان. ۋىلادىمىر لىسىن يەنە روسىيە ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ياۋروپا قارغا ئېتىش بىرلەشمىسى (European Shooting Confederation) نىڭ رەئىسى، ئۇ مىلتىق ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى قىممەتلىك بولغان مىلتىقلارنى يىغىپ ساقلىغان.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق