باش بەت>>ئىقتىساد
ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى نۇتۇقى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-01-04 09:18:34

 

 

ئەسلى نۇتۇق تېمىسى: كەلگۈسىنى يارىتىشتا، ئامېرىكا چوقۇم دۇنيا مائارىپ رىقابىتىدە غەلىبە قىلىشى كېرەك

(بۇ نۇتۇقنى ئوباما 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئورىگون ئىشتاتى خىللسبورودا ھەپتىلىك رادىيو پىروگراممىسىدا سۆزلىگەن)

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

ھازىر مەن ئورېگان ئىشتاتى پورتلاند شەھىرىنىڭ سىرتىدا كۆپچىلىككە نۇتۇق سۆزلىمەكچىمەن. مەن بۇ يەردە سىفىرلىق دەۋرىنىڭ باشلامچىسى «ئىنتېل» شىركىتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدىم. مەن ئەمدىلا مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ قوراشتۇرۇش لىنىيەسى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، بۇ لىنىيەدە ياسالغان بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى ئۈستەل كومپيۇتېرىدىن ئەقلىي تېلېفونغىچە ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرگە ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، يۇقىرى تېخنىكا خىزمەتچىلىرى مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىكەن. ئەمما بۇ خىزمەتچىلەر پەقەتلا يۇقىرى تېخنىكا بىلەن كومپيۇتېر ئۆزىكى ياسايدىكەن. ئۇلار بىزگە ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىنى قانداق يارىتىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى.

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، «ئىنتېل» شىركىتى يېڭى تېخنىكىلارنى ئېچىش جەھەتتە دۇنيادا باشلامچى بولۇپ كەلدى. ئەمما يەر شارى رىقابىتىنىڭ كۈنسايىن كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىنتېل شىركىتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىگە مەبلەغ سالىدىغان، زاۋۇت قۇرىدىغان ھەمدە ئامېرىكىلىق ئەمگەك كۈچلىرىنى ياللاپ ئىشلىتىدىغان بولدى. «ئىنتېل» شىركىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىلىق ئىشچىلار ئىشلەپچىقارغان. ئورېگان ئىشتاتىدا كەسىپ ئاچقانلىقى، ئارىزونا ئىشتاتىدا يېڭى زاۋۇت قۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، «ئىنتېل» شىركىتى بۇ يىل يەنە 4000 نەپەر يېڭى خادىم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.

«ئىنتېل»دەك بۇنداق شىركەت بىزنىڭ رىقابەت كۈچىمىزنى، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ پەقەت چەت ئەللەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان دۆلەت ئەمەسلىكىنى، بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىمىزنى ھەمدە دۇنيا مىقىياسىدا ساتالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشىمىز دۆلىتىمىزدىكى خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا باغلىق، لېكىن بۇ ئىقتىدار مېنىڭ بۈگۈنكى زىيارىتىمدە نامايان بولدى. ئەمما، بىزنىڭ غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇشىمىز ئامېرىكىنى دۇنيادىكى سودا قىلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش-چىقالماسلىقىمىزغا باغلىق.

كەلگۈسىدىكى ئون يىلدا، بارلىق يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ تەڭ يېرىمى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىنى تەلەپ قىلىدۇ، نۇرغۇنلىرى پىشقان ماتېماتىكا ۋە فىزىكا قابىلىيىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، بۈگۈنكى ئامېرىكا ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە ئوقۇش پۈتكۈزۈش نىسبىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئارقىدا قالغىلى خېلى بولدى. شۇ ۋەجىدىن ئىنتېلدەك بۇنداق شىركەتلەر ئېھتىياجلىق قابىلىيەتلەرنى ھازىرلىغان ئامېرىكىلىق ئىشچىلارنى ياللاش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

ئەگەر بىز ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە يېڭى كەسىپلەرنىڭ يەر شارى رىقابىتىدە غەلىبە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، بىز چوقۇم يەر شارى مائارىپ رىقابىتىدە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك. ئامېرىكا دۇنيادىكى تەلىم-تەربىيەسى ئەتراپلىق، ماھارەتتە ئەڭ ياخشى ئەمگەك كۈچلىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇندىلا بىز ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر «ئىنتېل»نى، يەنە بىر «گۇگېل»نى، يەنە بىر «مىكروسوفت»نى تەۋەللۇت قىلدۇرۇپ، زور مىقداردىكى ئامېرىكىلىق ئىشچىلارنىڭ ياللانما ئىشچى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق