باش بەت>>ئىقتىساد
چەتئەل تاراتقۇسى: جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانى %7 بولىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-01-29 10:36:01

 

چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جۇڭگو 2015-يىلىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىنى %7 ئەتراپىدا پىلانلىغان بولۇپ، بۇ نىشان 11 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى ياراتقان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئاشۇرۇش ۋە ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي ئېشىشنى تېخىمۇ كۆپ بازارلاشقان ئامىللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

جۇڭگو 3-ئايدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىنى جاكارلايدىغان بولۇپ، بىر قىسىم يىغىن نەتىجىسىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رېتىر ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرىقى نىشان 12-ئايدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىچكى يىغىندا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن.

ئىلگىرى تاراتقۇلار بۇ نىشانغا قارىتا ھېچقانداق بىر دوكلات بېرىپ باقمىغان، 7% لىك ئېشىش نىشانى بازار مۆلچىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇن.

بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بىر كىشى: «بۇ يىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىشانى %7 ئەتراپىدا بولىدۇ، لېكىن %7 بولسا ئەڭ تۆۋەن چەك.» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ شەخس خېلىلا تەسىر كۈچى بار ئىقتىسادشۇناس بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى ئىكەن. ئۇ يەنە: «ھۆكۈمەت بۇ يىلى چوقۇم ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك.» دېگەن. بۇ ناھايىتى سەزگۈر مەسىلىگە چېتىلىدىغان بولغانلىقتىن، بۇ شەخس نامىنى ئاشكارىلىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

ئۆتكەن يىلىدىكىگە ئوخشاشلا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم يەنىلا «ئەتراپىدا» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن، ھەرگىزمۇ ئىقتىسادىغا نوقۇل بىر مۇتلەق ئېشىش نىشانى بەلگىلىمىگەن. گەرچە بۇ نىشان ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن بۇرۇن يەنىلا تەڭشىلىش مۇمكىنچىلىكى بار. جۇڭگو ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاستىلىشى ئېشىشنىڭ تېخىمۇ سىجىل بولغان ئىسلاھاتقا ئىگە بولۇشى مەقسەت قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ كۆرسەتكەن، لېكىن ھۆكۈمەت تەرەپ يەنىلا ئىقتىسادنىڭ چوڭ نىسبەتتە ئاستىلاپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئىشسىزلىق ۋە قەرزدىن ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن.

ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا بولغان ئىنتىلىشى بىر قىسىم كەسىپلەرگە بولغان مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ بېرىش ۋە قەرزنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ۋە ئىقتىسادشۇناس ئۆتكەن يىلى، 2009-يىلىدىن بۇيان 7 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن مەبلەغ ئۈنۈمسىز مەبلەغ سېلىشقا سەرپ قىلىنىپ كەلدى، دەپ كۆرسەتكەن.

جۇڭگو بانكىسى باشلىقى جۇ شياڭچۈەن، 2015-يىلى بەلكىم نىسبەتەن تۆۋەن ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانى بەلگىلىنىشى مۇمكىن، بۇ 3-ئايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، دېگەن. خەۋەردە ھۆكۈمەتمۇ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى %3 ئەتراپىغا تۆۋەنلىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، دېيىلگەن. 2014-يىلىدىكى جۇڭگونىڭ CPIقىممىتى %2 ئۆسۈپ، %3.5 لىك نىشاندىن خېلىلا تۆۋەن بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئۈچ يىل تۆۋەنلەپ بارغان.

ئالدىنقى قېتىمقى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىنى %7 قىلىپ بېكىتكەن ۋاقتى بولسا 2004-يىلى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدىكى ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %10.1 گە يەتكەن. ئۆتكەن يىلىدىكى ئېشىش نىشانى بولسا %7.5 بولغان. ئەمما ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ 2014-يىلىدىكى GDPقىممىتى %7.4 ئېشىپ، 24 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىنى ياراتقان. تەھلىلچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ يىلىدىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى %7گە، 2016-يىلىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى بولسا %6.8 گە تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق