باش بەت>>ئىقتىساد
مىليادىرلار تىزىملىكىدە ھىندىستان تۇنجى قېتىم رۇسىيەدىن ئېشىپ كەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-02-12 15:44:30




مىليادىرلار تىزىملىكىدە ھىندىستان تۇنجى قېتىم رۇسىيەدىن ئېشىپ كەتتى

 

رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ تورى» نىڭ 3-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ «خۇرۇن بايلىق» ژۇرنىلى 3-فېۋرال ئېلان قىلغان مىلىيادىرلار تىزىملىكىدە، پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 2089 نەپەر مىلىيادىر رەتكە تۇرغۇزۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىمى ئامېرىكا ۋە جۇڭگودىن كەلگەن، ئامېرىكىدىن 537 كىشى، جۇڭگودىن 430 كىشى تىزىملىككە كىرگەن. 

مىلىيادىرلار سانى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ قېتىم ھىندىستان ئامېرىكا ۋە جۇڭگودىن كېيىنلا تۇرۇپ ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلىپ، تۇنجى قېتىم بۇندىن ئىلگىرى بۇ ئورۇننى ئىگەللىگەن روسىيەدىن ئېشىپ كەتكەن. 2014-يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، روسىيەدىكى مىلىيادىرلارنىڭ سانى ئوندىن ئارتۇق ئازلىغان. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ تىزىملىكنى تۈزۈپ چىققان تەتقىق قىلغۇچى جۇڭگو داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادىدىكى كۈچلۈك، مۇقىم ئورنىنى ساقلاۋاتىدۇ دەپ يەكۈن چىقارغان. بۇ قېتىم جەمئىي 72 نەپەر جۇڭگولۇق يېڭى مىلىيادىر تىزىملىككە كىرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكى كارخانىچىلارنىڭ تىزىملىككە كىرىشى جۇڭگو ئاكسىيە-پاي بازىرىنىڭ 2014-يىلى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى ۋە ئېشىشىنىڭ پايدىسىدىن بولغان. يۇقىرى پەن تېخنىكا ساھەسى يەنىلا كاپىتال ئېشىشى ئەڭ ياخشى ساھە دەپ قارالغان. 

جۇڭگودىكى بايلار تىزىملىكىدىكى بىرىنچى باي 48 ياشلىق خەننىڭ پاي كونترول گوروھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى لې خېجۈن بولغان، 16 مىلىيارد دوللارلىق بايلىقى بىلەن ۋەندا گوروھىنىڭ لىدىرى ۋاڭ جىيەنلىن ئىككىنچى، ئالى بابا گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن ئۈچىنچى بولغان. 

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق