باش بەت>>ئىقتىساد
جۇڭگو جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى ۋە جۇڭگو نېفىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-02-24 16:28:45


چەتئەل تاراتقۇسى: جۇڭگو جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى ۋە جۇڭگو نېفىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

تۈنۈگۈن شىياڭگاڭ ئاكسىيەسى چاغاندىن كېيىن بازار ئېچىلغان تۇنجى كۈنىدە جۇڭگو نېفىت خىمىيەسىنىڭ پايچېكى %1.074  چۈشۈپ كەتتى، چاغان ھارپىسى (18- فېۋرال) كۈنىدىكى سودىدا جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى شىياڭگاڭ پايچېكى جۇڭگو نېفىتى بىلەن بىرلىشىش خەۋىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ  % 4.65  ئۆسكەن. 

چاغان ھارپىسى، بەزى چەتئەل تاراتقۇسى ئورگان تەرەپ نۆۋەتتە ئۈچ نېفىتنى بىرلەشتۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى تەتقىق قىلىپ مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر لاھىيە بولسا جۇڭگو نېفىتى ۋە جۇڭگو نېفىت خىمىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش، يەنە بىر لاھىيە بولسا جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى بىلەن جۇڭگو دېڭىز نېفىتىنى بىرلەشتۈرۈش دەپ خەۋەر قىلغان. بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىدە، 18-فېۋرال شىيڭگاڭ پايچېكى چاغاندىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر سودا كۈنىدە، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسىنىڭ پايچېكى %4.65 ئۆسكەن، جۇڭگو نېفىتى ۋە جۇڭگو دېڭىز نېفىتى 3% كە يېقىن ئۆسكەن. 

بىراق چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى تۆت كۈنىدە، ئورگان تەرەپ ۋە ئۈچ نېفىت يۇقىرىدا بايان قىلىنغان خەۋەرگە قارىتا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن، ئەكىسچە بىر قىسىم تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ دوكىلاتىدا بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس دەپ قارالغان، شۇڭا تۈنۈگۈنكى شىياڭگاڭ ئاكسىيە سودىسىدا، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسىنىڭ باھاسى بىراقلا 2% تىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتكەن، جۇڭگو نېفىتىنىڭ پۈتۈن كۈندە % 1.002، جۇڭگو دېڭىز نېفىتىنىڭ پۈتۈن كۈندە % 2.812 چۈشكەن. 

بەزى كۆرقاراشلاردا، ئۈچ نېفىتنىڭ بىرلىشىشى جۇڭگو نېفىت كارخانىسىنىڭ چەتئەلدىكى رىقابەت كۈچىنى ۋە پايدىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ دەپ قارىغان. 2014-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى «بايلىق » دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك رەت-تەرتىپىدە، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى، جۇڭگو نېفىتى ئامېرىكا نېفىت ماگىناتى ئېكسون موبىلنىڭ كەينىدە قېلىپ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ۋە ئۈچىنچى چوڭ نېفىت شىركىتىگە ئايلانغان، گوللاندىيەنىڭ خان جەمەتى نېفىت شىركىتى ئارقىدا تۇرغان. يىللىق تىجارەت كىرىمى رەت-تەرتىپى بويىچە: خان جەمەتى نېفىت شىركىتى 459 مىلىيارد 600 مىلىيون دوللار، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى 457 مىلىيارد 200 مىلىيون دوللار، جۇڭگو نېفىتى 432 مىلىيارد دوللار، ئېكسون موبىل 407 مىلىيارد 600 مىلىيون دوللار بولغان. بىراق يىللىق پايدا رەت-تەرتىپى بويىچە: ئېكسون موبىل 32 مىلىيارد 600 مىلىيون دوللار، جۇڭگو نېفىتى 18 مىلىيارد 500 مىلىيون دوللار، خان جەمەتى نېفىت شىركىتى 16 مىلىيارد 400 مىلىيون دوللار، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى 8 مىلىيارد 900 مىلىيون دوللار بولغان. 

ئاۋمېن ئۇنۋېرسىتىتى جۇڭگو ئېنىرگىيە ئىقتىسادى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لىن بوچىياڭ ناۋادا دىققەت قىلىش نۇقتىسى چەتئەل بازىرى بولسا ئۈچ نېفىتنىڭ بىرلىشىشى چەتئەلدىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئەمما ناۋادا دۆلەت ئىچى بازارنى ئويلىساق، ئۆز ئارا رىقابەت كۆپرەك بولسا تېخىمۇ ياخشى، رىقابەت ئۈنۈمنى ئاشۇرىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. كۆپلىگەن تەتقىقات ئورگانلىرى دوكىلاتىدا ئۈچ نېفىتنىڭ بىرلىشىشى چوڭ يۆنىلىشتىن توغرا، ئەمما ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس دەپ قارىغان. كۆپلىگەن كەسىپىي زاتلار ئۈچ نېفىتنىڭ بىرلىشىش خەۋىرى خېلى بۇرۇنلا بار ئىدى، ئەمما راستىنلا بىرلىشىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى چوڭ دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. 

 

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق