باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى
جۇڭگو ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئىقتىسادنى ئارقىغا سۆرىشى 4-پەسىل ياكى كېلەر يىل يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ روشەن گەۋدىلىنىشى مۇمكىن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-24 19:10:00

 

 

جۇڭگونىڭ ئۆي-زېمىن قۇرۇلۇش پائالىيىتى يىل بېشىدا زور دەرىجىدە چۈشۈشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يېقىندا ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز بوشىتىشقا ئەگىشىپ، يېقىنقى ئىككى ئايدا ياخشىلىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى. بىراق خەلقئارا مەبلەغ سېلىش بانكىسى بولغان شۋېتسارىيە بىرلەشمە بانكا گۇرۇھىنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ چۈشۈشىنىڭ ئارقىسىدا قۇرۇلمىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، ئۆي-زېمىننىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنى ئارقىغا سۆرىشى 4-پەسىلدە ياكى 2015-يىلى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ گەۋدىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

شۋېتسارىيە بىرلەشمە بانكا گۇرۇھىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا دېيىشىچە، سىياسەتنى ئۈزلۈكسىز بوشىتىش ۋە ئىناۋەت قەرزنىڭ قوللىشىدا، كەلگۈسى نەچچە ئايدا ئۆي-زېمىننىڭ سېتىلىشى ۋە قۇرۇلۇشىدا بىردەك ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. بىراق، گەرچە قىسقا مەزگىل ئىچىدە سىياسەتنى بوشىتىش ئۆي-زېمىننىڭ سېتىلىشى ۋە قۇرۇلۇشىغا پايدىسى بولىدىكەن، ئەمما بۇ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ياردىمى بولىدۇ، قۇرۇلمىلىق چۈشۈپ كېتىش يۈزلىنىشىدە بۇرۇلۇش پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىمىغان.

شۋېتسارىيە بىرلەشمە بانكا گۇرۇھى بىلدۈرۈپ:«گەرچە قىسقا مەزگىللىك ۋەزىيەتتە ياخشىلىنىش بولسىمۇ، ئەمما بۇ نۆۋەتلىك ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئارقىسىدا قۇرۇلمىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى بار، سىياسەتنى داۋاملىق بوشىتىش قىسقا مەزگىللىك پائالىيەتنى مۇقىملاشتۇرالايدۇ، ئەمما كەسپنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدەك چوڭ ۋەزىيەتنى ياخشىلاشقا ئامالسىز» دېدى، تۆتىنچى پەسىلدە ياكى 2015-يىلى ئۆي-زېمىن ساھەسىدە يېڭى ئىش باشلاش ۋە قۇرۇلۇش پائالىيىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئاستىلاپ، ئىقتىسادنى بارغانسېرى كەينىگە سۆرەيدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى پەسىلدە ئۆي-زېمىن پائالىيىتىدە دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملىشىش ئالامىتى كۆرۈلدى: 5، 6-ئايدىكى سېتىلىشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندىكى چۈشۈش دەرىجىسدە ئاستىلاش كۆرۈلدى، يېڭى ئىش باشلىغان قۇرۇلۇشنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى چۈشۈش دەرىجىسى بىرىنچى پەسىلدىكى %25 دىن %11 كە تارايدى؛ قۇرۇلۇش پۈتۈش نىسبىتىمۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 ئاشتى، بەلگىلىك دەرىجىدە نىسبەتەن پايدىلىق بولغان كاردىنا سانى ئېففېكتىنىڭ پايدىسىنى كۆردى.

7-ئايدا يېڭى ئىش باشلىغان قۇرۇلۇش ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئېشىپ، يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم مۇسبەت ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئەمما سېتىلىشىدا يەنە چېكىنىش كۆرۈلۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 چۈشۈپ كەتتى، بۇ ئۆي سېتىۋېلىشقا چەكلىمە قويۇش سىياسىتىنى بوشىتىشنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىلا ساقلاپ بېقىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

دوكلاتتا قارىشىچە، ئۆي-زېمىن كەسپىدە يەنىلا قۇرۇلمىلىق مەسىلە مەۋجۇت بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى پەقەتلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دەۋرىيلىك ئامىل بولماستىن، بەلكى تۇرالغۇ ئۆيدە تەلەپ ۋە تەمىنلەش ۋەزىيىتىدە تۈپكى ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن.

2013-يىلى جۇڭگونىڭ تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇش مىقدارى (پۈتكەن قۇرۇلۇش تەخمىنەن 11 مىليون يۈرۈش، يېڭى باشلانغان قۇرۇلۇش 15 مىليون يۈرۈشتىن ئېشىپ كەتتى) شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە تۇرالغۇلارنى يېڭىلاش ۋە ياخشىلاش كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇرالغۇ ئۆي ئېھتىياجىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى (شۋېتسارىيە بىرلەشمە بانكا گۇرۇھى ھەر يىلى 8-9 مىليون يۈرۈش دەپ مۆلچەرلەيدۇ)

شۋېتسارىيە بىرلەشمە بانكا گۇرۇھى دېيىشىچە، گەرچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بەلگىلىك دەرىجىدە ئاساسىي تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى ئاشۇرسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ قەدىمى ئاللىقاچان ئاستىلىغان ھەمدە سىياسەتنىڭ قوللاش بوشلۇقى چەكلىك ئىكەن، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت كەڭ كۆلەملىك ئىناۋەت قەرزنى بوشىتىشقا يەنە تايىنىشقا تېخىمۇ ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولماقتا.

9-ئايدىن كېيىن، ئۆي-مۈلۈكنىڭ سېتىلىشى يەنە چېكىنىشى مۇمكىن، 2015-يىلى يەنە %5-%10 چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، كاپالەت ئۆي قۇرۇلىشى ۋەزىيىتىمۇ پەيدىنپەي چېكىنگەن،كېلەر يىل تاۋار ئۆي قۇرۇلۇشى باشلاش كۆلىمى يەنە %10 چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.

شۋېتسارىيە بىرلەشمە بانكا گۇرۇھىنىڭ پۈتۈن 2014-يىللىق مۆلچەرى بولسا ئۆي-مۈلۈك سېتىلىش كۆلۈمى يەنىلا كىچىك دەرىجىدە 0-%5 كىچە چۈشىدۇ، يېڭى ئۆي قۇرۇلىش كۆلىمى %10-%15 چۈشىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، شۋېتسارىيە بىرلەشمە بانكا گۇرۇھىنىڭ مۆلچەرىدە جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق GDP ئېشىشى %7.3، 2015-يىللىق ئېشىشى بولسا %6.8.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق