باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى
شىنجاڭلىق يىگىت توردا ماتاڭ سېتىپ داڭق چىقاردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-26 16:43:36

ئادىل مەمەتتۇر چۈشىدىمۇ ئۆزى ياسىغان ماتاڭنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ئادىل مەمەتتۇر چاڭشا تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 4-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى، شۇنداقلا تاۋباۋ تورىدىكى ماتاڭ سېتىش ئۇزغۇنى.

5-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىم «جۇڭگو تائاملىرى» قويۇلۇپ شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ماتاڭ تونۇشتۇرۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى، شۇ كۈنى كەچتە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قولىغا تېلېفونلارنى ئېلىپ، كومپيۇتېرلىرىنى ئېچىپ، تاۋباۋ تورىدىن ماتاڭنىڭ باھاسىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشىپ كەتتى.

پروگرامما قويۇلغاندىن كېيىن، چەت تاغ باغرىدىكى كىچىك ئۆيدە، ئادىل مەمەتتۇر كومپيۇتېردىكى «ئالىي ۋاڭ ۋاڭ» كۆزنىكىدە خېرىدارلارغا جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، «خوجايىن، سىلەرنىڭ ماتېڭىڭلار تېلېۋىزوردىكى بىلەن ئوخشاشمۇ؟»، «ماتاڭ چاڭشادا ياسىلامدۇ؟ بۇنى ئۆزۈڭلار ياسىغانمۇ؟» دېگەندەك خېرىدارلارنىڭ سوئاللىرى ئارقا-ئارقىدىن يېغىپ كەتتى. فىلىم تارقىتىلغان كۈنى كەچتە، ئادىلنىڭ تاۋباۋ ماتاڭ دۇكىنىدا 300 قېتىم سودا بولدى. ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى چاڭشا تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 4-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى جياڭ جىنيا ۋە 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى جياڭ چۈنياڭ بۇنىڭغا ئىشەنمەيلا قالدى.

تۈنۈگۈن، ئادىل ئون نەچچە كۈن ئىلگىرىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ: ««جۇڭگو تائاملىرى»دا ماتاڭنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن بىزگە سودا پۇرسىتىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدىم.»، دېدى، ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجاندا تىترەپ چىقىۋاتاتتى.

ئادىل شۇ كۈنىدىكى 300 زاكازنىڭ ئەمدى تېخى بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، شېرىكى بىلەن دەرھال تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى، چياڭ چۈشياڭ توردا خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا، جياڭ جىنيا بولسا ئەتراپتىكى ئاھالىلەر بىلەن ياردەملىشىشكە مەسئۇل بولدى، ئادىل ئالدىراش يىراق قەشقەردىكى ئاتىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئاتىسىنىڭ ياڭاق، گۈلە (قاق)، كىشمىش (قۇرۇق ئۈزۈم) قاتارلىقلارنى دەرھال چاڭشاغا ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئېيتتى.

5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئادىل 20 نەچچە تاۋاق ماتاڭ ياسىدى، ئىككى كۈن ئىچىدىلا ئۇنىڭ تاۋباۋدىكى ماتاڭ دۇكىنىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 6000دىن ئېشىپ، سېتىلىش سوممىسى 250مىڭدىن يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، كېيىنكى بىر ھەپتىدە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولدى. ئادىل: «ئىككى يىل ئاۋۋال، مەن بۇ ئىشلارنى ئويلاپمۇ باقمىغان.» دېدى.

ئىككى يىلى ئىلگىرى ئادىل ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، مەكتەپتە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇغان، بىر كۈنى ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا ماتاڭنى توردا سېتىش تەكلىپىنى بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسى ئېچىلغان.

جياڭ جىنيا: «ئىلگىرى پەقەت ئادىلدىن ماتاڭنىڭ ناھايىتى مەززىلىك ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ باققان. قىشلىق تەتىلدىن كېيىن ئوقۇش باشلىغاندا، ئادىل يۇرتىدىن ئۆزى ياسىغان ماتاڭنى ئېلىپ كەپتىكەن، تەمى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن.» دېدى.

2012-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئىككىيلەن 30 مىڭ يۈەن پۇل يىغىپ، تور دۇكىنىنى ئاچقان. ئادىل: «ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ ھېچقانداق ئۈسكۈنىمىز يوق ئىدى،پەقەت كوچىدا ياخشىراق ياسالغان ماتاڭنى تاللاپ توردا ساتقان، لېكىن خېرىدارلارنىڭ باھاسى ئانچە ياخشى بولمىغان ئىدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەقىقىي يەرلىك ماتاڭنى تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن، ئۆزۈم قول سېلىپ ياساش قارارىغا كەلدىم.» دېدى.

ئادىل ئۆيىگە تېلېفون ئۇرۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردەم قىلىپ، ياڭاق، كىشمىش (قۇرۇق ئۈزۈم) ئەۋەتىپ بېرىشىنى سورىغاندا، ئادىلنىڭ ئاتىسى ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي قالغان، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالا قانداق قىلىپ ماتاڭ ساتىدۇ؟ دەپ تۇرۇپ قالغان.

ئادىلنىڭ ئائىلىسى يەكەن ناھىيىسىدە بولۇپ، ئاتىسى ئۈچىنچى ئەۋلاد ماتاڭچى، ئاتا-ئانىسى ماتاڭ سېتىپ ئالتە بالا بىلەن ئائىلىسىنى قامدايدۇ.

ماتاڭ سېتىشنىڭ جاپالىق ۋە كۆپ پۇل تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاتىسى ئۇنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى خالىمىغان، لېكىن بىر كۈن چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئادىل ئاخىرى ئاتىسىنى قايىل قىلغان، تور دۇكىنىدىكى سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ بارغان، شۇنىڭ بىلەن ئادىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بارغانسېرى ئۇنى قوللىغان.

بۈگۈنكى كۈندە بولسا، ئادىل بىلەن ساۋاقدىشىنىڭ ھېكايىسى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان، ئادىلنىڭ ئىشىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلار QSماركىسىنى ئىلتىماس قىلىپ، ماتاڭنى تاللا بازىرىغا ئېلىپ كىرىپ سېتىشنى ئويلىغان، تۈنۈگۈن چاڭشا يەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈش تارمىقى ئۇلارغا ياردەملىشىپ، يېمەكلىك تىجارىتىگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بەرگەن.

ئادىل، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ يۇرتىنىڭ يەرلىك ھەقىقىي مەززىلىك يېمەكلىكلىرىنى تېتىتىپ بېقىشىغا پۇرسەت يارىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق