باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى
جۇڭگودا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %14 تى ئۆي- زېمىن كەسپىدە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-26 17:05:53

ئامېرىكىدىكى كۇئارتىز پەن- تېخنىكا بىلوگىدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگونىڭ ئۆي- زېمىن بازىرىنىڭ بىتچىت بولۇشىدىن ئەنسىرەشتىكى يەنە بىر سەۋەب: جۇڭگودىكى شەھەر- بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %14 تى ئۆي- زېمىن كەسپىدە» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ھازىر جۇڭگودا ئۆي مۈلۈك كەسپى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىش ھەققىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى، ھەمدە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ كېلىۋاتقان خىزمەت ئورنى. ئەمما بۇنداق ۋەزىيەت تېزلىكتە ئۆزگىرىشى مۇمكىن. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشچە، كۆچمەس مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ جۇڭگودا %14 خىزمەت ئورنى تەمىنلىمەكتە. ئەمما ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، نەچچە 10 مىليون ھەتتا نەچچە 100 مىليون ئەمگەك كۈچى ئىشسىز قېلىشى مۇمكىن.

ئۆي- زېمىن كەسپىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆي ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئۆي بازىرى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش جۇڭگونى نۇرغۇن نەپكە ئىگە قىلدى. 2008- يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى نۇرغۇن كىشىنى خىزمەتتىن ئايرىلىش خەۋپىگە دۇچار قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بانكىلارنى ئۆي- زېمىن سودىگەرلىرى ۋە ئۇل مۇئەسسەسە تۈرلىرىگە قەرز بېرىشكە دەۋەت قىلدى. بۇ تەدبىر ئۈنۈم بەردى، 2011- يىلىغا قەدەر، بىناكارلىق كەسپى دېھقان ئىشلەمچىلەرگە يېرىمدىن كۆپرەك يېڭى خىزمەت ئورنى تەمىنلىدى. گەرچە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7.5 كە چۈشۈپ قالغان تەقدىردىمۇ، ھەممىلا جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى چىقىپ تۇرغانلىقىدىكى بىر قىسىم سەۋەب. ئەمما بۇنداق ئىش ئورۇنلىرىغا «كەلمىكى ئاسان، كەتمىكى تېز» دېگەن قارغىش يۇشۇرۇنغان. جۇڭگونىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش مىقدارىنىڭ تەدرىجىي ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىش تېزلا رىئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ شەھەر- بازارلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %14 تىنى كۆچمەس مۈلۈككە باغلىدى، بۇ 90 مىليون خىزمەت ئورنىغا باراۋەر كېلىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۆي- زېمىن سېلىنمىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %12.5 تىگە تۈرتكە بولماقتا، ئەمما ياپونىيە نومۇرا ئاكسىيە گۇرۇھى ۋە فرانسىيە گۈللەندۈرۈش بانكىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرى بۇ نىسبەتنى ئايرىم ھالدا %16 ۋە %20 دەپ قارىماقتا. ئەگەر كېيىنكى ئىككىسى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىن بولسا، ئۇ ھالدا يەنە نەچچە 10 مىليون جۇڭگولۇقنىڭ خىزمىتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمىقى تەسكە توختايدۇ. سان غايەت زور بولغاندىن باشقا، يەنە مۇنداق بىر خىل ئەندىشە بار: زەربىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچرايدىغىنى تېخنىكىلىق ئىقتىدارى تۆۋەن، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولغان 269 مىليون دېھقان ئىشلەمچىدۇر.

بىناكارلىق ساھەسىدىكى ئىش ئورنى پەقەت بىنا سېلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، يەنە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنى زىممىسىگە ئالغان. يەرلىك ئەمەلدارلار يەر سېتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۇل مۇئەسسەسە تۈرلىرىگە مەبلەغ جۇغلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۆي ئېھتىياجىنىڭ ئازىيىش ئەھۋالى داۋاملاشسا، ئۇل مۇئەسسەسە سېلىنمىسىمۇ ئازىيىپ كېتىدۇ.

ئىشنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولىدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ ئۆي بازىرى تازا ئاۋات بولۇۋاتقان 2005- يىلى، تۇرالغۇ بىناكارلىقى بىۋاسىتە ھالدا %5.1 خىزمەت ئورنى تەمىنلىگەن، ئەمما 2008- يىلىغا كەلگەندە بولسا بۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئازىيىپ كەتكەن. ئامېرىكىنىڭ كەچۈرمىشى جۇڭگو دۇچ كەلگەن ئەڭ ياخشى ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال جۇڭگودىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئۆي- زېمىن كەسپىگە تايىنىش نىسبىتىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بېيجىڭنىڭ ئامېرىكىچە ئۆي بازىرىنىڭ بىتچىت بولۇش ئەھۋالىدىن ساقلىنىشتىكى تۈرلۈك رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئاللىبۇرۇن ئىشلىتىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق