باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى
ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلار باجنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى تەمىنلەيدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-26 17:44:51

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى. مەملىكەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جېڭ شىن مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلار مەملىكىتىمىزدىكى سانى ئەڭ كۆپ، ئەڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىگە ئىگە كارخانا توپى بولۇپ، ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، باج كۆپەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورنىنى ئالغۇسىز رولغا ئىگە. ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلار باجنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى تەمىنلەيدۇ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنى يارىتىدۇ، كەشپىيات- پاتېنتنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى تاماملايدۇ، شەھەر- بازارلاردا %80 تىن كۆپرەك ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى تەمىنلەيدۇ، كارخانىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %99 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق