باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى
دۇنيادىكى مىلياردېرلار شەھەرلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-26 17:47:18

بىرىنجى مىلياردېرلار ئەڭ كۆپ شەھەر موسكۋا

لوندون بىلەن نيۇ يورك مىلياردېرلار شەھرىنى تالىشىۋاتقان پەيتتە ، ھېچكىم ئويلىمىغان يەردىن موسكۋا مەيدانغا چىقتى ھەمدە دۇنيا بويىچە مىلياردېر سانى ۋە ئومۇمىي مەبلىغى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى . ھازىر موسكۋادىكى مىلياردېرلارنىڭ سانى 74 بولۇپ ، ئوتتۇرىچە مەبلىغى 5 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن . موسكۋا بۇ خىل ئەۋزەللىكى بىلەن بىر تاقلاپلا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن .

2002-يىلىدىكى دۇنيا مىلياردېرلار مۇنبىرىدە موسكۋا ئاران شەرەپ تاختىسىغا چىقالىغانىدى ، بۇ قېتىم دۇنيا بويىچە مىلياردېر ئەڭ كۆپ جايلاشقان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن جاھان ئەھلىنى ھەيرانلىقتا قالدۇردى. گەرچە موسكۋادا مىلياردېرلار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ ، ئەمما مال باھاسى ناھايىتى ئەرزان ئىكەن ، رۇسىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى مال باھاسى بىلەن موسكۋادىكى مال باھاسى روشەن پەرقلىنىدىكەن .

ئىككنجى مىلياردېرلار ئەڭ كۆپ شەھەرلەر نيۇ يورك

نيۇ يوركتىكى مىلياردېرلارنىڭ سانى 71 بولۇپ ، ئوتتۇرچە مەبلىغى 3 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن . 10 يىلدىن بۇيان نيۇ يورك ئۇدا مىلياردېرلار شەھىرى بولۇپ كەلگەنىدى ، ئەمما 2007 - يىلى ئىككىنجى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان . ھازىرقى بۇ 71 نەپەر مىلياردېرنىڭ مۇتلەپ كۆپىنچىسى سودا ساھەسىدىكى داڭدار ئەربابلار بولۇپ ، بۇلاردىن داڭلىق ئاخبارات ماگىناتى بولغان لوبورت مۇرداك ، ئۆي - مۈلۈكچىلىك سودىسىدىكى داڭلىق كاتتىۋاش دونالد چۇرامپ Donald Trump قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن . ھەتتا بۇ شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقىمۇ مىلياردېر تېخى !

ئۈچىنچى مىلياردېرلار شەھىرى لوندون

لوندوندىكى مىلياردېرلارنىڭ سانى 36 بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە مەبلىغى 4 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيىدىكى بىر ئاخبارات ماگىناتى ۋە بىر سودىگەر ھەمدە << ياۋروپا مىلياردېرى >> دېگەن نامغا ئىگە لاكشىمى مىتتال مۇ بار .

تۆتىنچى مىلياردېرلار شەھىرى ئىستانبۇل

ئىستانبولدىكى مىليادېرلار سانى 34 بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە مەبلىغى 1مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن .

بەشىنچى مىلياردېرلار شەھىرى شىياڭگاڭ

شىياڭگاڭدىكى مىلياردېرلار سانى 30 بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە مەبلىغى 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن .

ئالتىنچى مىلياردېرلار شەھىرى لوس ئانژېلېس

لوس ئانژېلېستىكى مىلياردېرلارنىڭ سانى 24 بولۇپ ، ئوتتۇرىچە مەبلىغى 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى. لوس ئانژېلېستىكى مىلياردېرلار ئىچىدە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق كىنو ئارتىسلىرى ۋە باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ بار.

يەتتىنچى مىلياردېرلارشەھىرى بومباي

بومبايدىكى مىلياردېرلارنىڭ سانى 20 بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە مەبلىغى 7 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى . بۇلارنىڭ ئىچىدە گەرچە داڭلىق مىلياردېر لاكشىمى مىتتال لوندونغا كۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا داڭلىق مىليادىرلاردىن مۇكېش بىلەن ئانىل ئامبانىلار بار . بۇ ئۈچىسىنىڭ ئايلىق كىرىمىلا 43 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.

سەككىزىنچى مىلياردېرلار شەھىرى سان فىرانىسىكو

سان فىرانىسىكودىكى مىلياردېرلار سانى 19 بولۇپ ، ئوتتۇرىچە مەبلىغى 3 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى . بۇنىڭ ئىچىدە PayPal نىڭ قۇرغۇچىسى ، Facebook قا مەبلەغ سالغۇچى Peter Thiel、Dolby قاتارلىقلارمۇ بار ، شۇنداقلا IT ساھەسىدىكى كاتتىۋاش John Doerr بىلەن Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى Mark Zuckerberg مۇ بار .

توققۇزىنچى مىلياردېرلار شەھىرى داللاس

ئامېرىكىنىڭ داللاس شەھىرىدىكى مىلياردېرلارنىڭ سانى 15بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە مەبلىغى 2 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى .

ئونىنچى مىلياردېرلار شەھىرى توكيو

توكيودىكى مىلياردېرلار سانى 15 بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە مەبلىغى 2 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ياپونىيە ئىقتىسادىدىكى كاتتىۋاشلاردىن نوبۇتادا ساجى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق