باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى
جۇڭگو نېفىتى دۇنيادىكى 15 چوڭ ئادەم ياللىغۇچى ئىچىدە بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلدى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-27 17:06:21

«بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىنىڭ 26-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، Wall St يېقىندا پۈتۈن دۇنيادىكى 15 چوڭ ئادەم ياللىغۇچىنى باھالاپ چىققان، ۋولمارت 2 مىلىيون 200 مىڭ خىزمەتچىسى بىلەن رەت-تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، بۇ سان خىيۇستون، فىلادىلفىيە ۋە توز شەھىرىدىكى نوپۇس سانىدىنمۇ كۆپ.

رەت-تەرتىپتە ئىككىنچى ئورۇندىكىسى بولسا G4S Secure Solutions ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي قوغدىغۇچى شىركىتى بولۇپ، خىزمەتچى سانى 618 مىڭغا يەتكەن، ئۈچىنچى ئورۇندىكىسى بولسا گوللاندىيەنىڭ ئامېستىردامدىكى Randstad Holding NV راندىستاد پاي چېكى كونترول قىلىش شىركىتى بولۇپ، خىزمەتچى سانى 595 مىڭغا يەتكەن. تۆتىنچى ئورۇندىكىسى بولسا گېرمانىيەنىڭ Volkswagen AG ۋولكىسۋەگىن ماشىنا شىركىتى بولۇپ، خىزمەتچىسى 555 مىڭغا يەتكەن. بەشىنچى ئورۇندىكىسى بولسا جۇڭگو نېفىت شىركىتى بولۇپ، خىزمەتچىسى 544 مىڭغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو نېفىت شىركىتىدىن باشقا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگەن. 15 چوڭ ئادەم ياللىغۇچى شىركەت ئىچىدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كارخانىسى ئومۇمىي سان ئىچىدە ئالتە ئورۇننى ئىگەللىگەن.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق