باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى
ئامازون شىركىتىنىڭ گېرمانىيىدىكى خىزمەتچىلىرى يەنىلا ئىش تاشلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-25 19:23:08

 

گېرمانىيىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى-Ver.di بۈگۈن يەنە ئامازون شىركىتىنىڭ گېرمانىيىدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش نامايىشىنىڭ يەنە بىر كۈن ئۇزارتىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىش تاشلاش نامايىشىغا قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامازون شىركىتىنىڭ گېرمانىيىدىكى تۆت خام ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدە ئىشلەيدىغان 2000 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىسى شىركەت تەرەپنىڭ مائاش تەمىناتى ۋە ئەمگەك شارائىتىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكتىن، مۇشۇ ھەپتىدە ئىش تاشلاپ نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بولغاندا، ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى سەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشاتتى.

لېكىن گېرمانىيىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى-Ver.di بۈگۈن ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىملىق ئىش تاشلاش ھەركىتىنىڭ يەنە بىر كۈن ئۇزارتىلغانلىقىنى، يەنە بۇ ئىش تاشلاشنىڭ تاكى چارشەنبە كۈنىگە قەدەر ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىش تاشلاش نامايىشىغا قاتناشقۇچىلار سانىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئامازون شىركىتىنىڭ گېرمانىيىدىكى تۆت خام ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش تاشلاش نامايىشىغا يەنە 5-خام ئەشيا ئوبورۇت مەركىزىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ قاتناشقانىكەن.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق