باش بەت>>ئىقتىساد>>پۇل مۇئامىلە
HPنىڭ باھا قويۇش ئىستراتېگىيەسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-06-05 17:26:05

 

HP شىركىتى 1939 – يىلى قۇرۇلغان، ئاساسلىقى خەت بېسىش ماشىنىسى، سىفىرلىق سىنئالغۇ، يۇمشاق دېتال، كومپيۇتېر ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

    HP مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى ياخشى بولۇپ، تىجارەتتە ئىمكان بار بازارنى تۇتۇپ تۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللانغان، شىركەت يۇقىرى ئىقتىدارلىق خەت بېسىش ماشىنىسىنى ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن، باھانى قانداق بېكىتىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. باھانى يۇقىرى بېكىتسە، مەھسۇلاتنىڭ بازار ئىگىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ، تۆۋەن بېكىتسە، شىركەتنىڭ پايدىسى تۆۋەنلەيدۇ. بازار تەكشۈرۈشتىن كېيىن، شىركەتنىڭ سېتىشقا مەسئۇل خادىملىرى مۇنداق قارار چىقىرىدۇ: ھازىر خەت بېسىش ماشىنىسىنىڭ باھاسى 150 دوللار ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. ئەگەرHP نىڭ يېڭى تىپلىق خەت بېسىش ماشىنىسىنىڭ باھاسىنى 250 دوللار قىلىپ بېكىتسەك، 100 دوللار پايدىغا ئېرىشەلەيمىز، بۇنداقتا باشقا شىركەتلەرمۇ پايدىنى قوغلىشىپ خەت بېسىش مەھسۇلاتىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خەت بېسىش ماشىنىسىنىڭ بازىرى قالايمىقانلىشىپ، HP خەت بېسىش ماشىنىسىنىڭ بازار ئۈستۈنلۈكى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا HP خەت بېسىش ماشىنىسى ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى 185 دوللار قىلىپ بېكىتىشى كېرەك. بۇنداق باھا بىلەن باشقىلارنىڭ بەس – بەستە بازارغا كىرىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ. ناۋادا يېڭىدىن رىقابەتچىلەر پەيدا بولغان تەقدىردىمۇ،HP مەھسۇلاتىنىڭ باھاسىنى يەنە 30 ~ 20 دوللار كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولغاچقا، باھادىكى ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق ھەم پايدىغا ھەم بازار ئىگىلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

    باھا بېكىتىش بىر خىل تاكتىكا، شۇنداقلا بىر خىل ئىستراتېگىيە. يېڭى مەھسۇلاتنى بازارغا سالغاندا، باھا مۇۋاپىق بېكىتىلمىسە، كارخانا زىيان تارتىدۇ. HP شىركىتى يېڭى تىپلىق خەت بېسىش ماشىنىسىنى ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن، بازارنى تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەم ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قالالىغان ھەم رىقابەتچىلىرىنى ئارقىدا قالدۇرالىغان.

    ئەقلىي يەكۈن:

    كارخانىلار يېڭى مەھسۇلاتقا باھا بېكىتىشتە: ئۆز كارخانىسى ۋە رىقابەتچىلىرىنىڭ سېتىش، باھا بەلگىلەش، تەننەرخ ۋە پايدا توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە ئانالىز قىلىشى زۆرۈر، بۇ، مۇۋاپىق باھا بەلگىلەشكە پايدىلىق، يېڭى مەھسۇلاتقا باھا بېكىتىشتە، مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى، سۈپىتى ۋە تەننەرخىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك.

 

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق