باش بەت>>ئىقتىساد>>پۇل مۇئامىلە
كىچىك، مىكرو كارخانىنىڭ تاپشۇرىدىغان بېجى %40چە ئازايدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-13 12:47:04

بۇ يىل 31–يانۋارغىچە ئېلىمىزدە 2مىليون 820مىڭ كارخانا تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىغا قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى %82 كارخانا، يەنى 2 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك، مىكرو كارخانىنىڭ تاپشۇرىدىغان بېجى %40چە ئازايدى.

دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇش مۇلازىملىقى تۈرىدىكى كارخانىلارنىڭ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى لايىھەنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىدۇ، بۇ تۈردىكى كارخانىلار نەچچە مىليون بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك، مىكرو كارخانىلاردۇر، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ كارخانىلارمۇ باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

بۇ يىلقى خىزمەتلەر ھەققىدە ۋاڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردىن باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى يېرىملىتىپ ئېلىش يۇقىرى چېكىنى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ئۆرلىتىش مۇھاكىمە قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار ئېتىباردىن بەھرىلەندۈرۈلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. زۇڭلى تۆمۈر يول، پوچتا، تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەر تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، دېدى. بۇ «قاتارلىق» دېگەن سۆز تېلېگراف ساھەسىدە تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ كىچىك، مىكرو كارخانىلار بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئېتىباردىن بەھرىلىنىدۇ، دېگەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ، «قاتارلىق» دېگەن سۆز بىزگە تۇرمۇش مۇلازىملىقى تۈرىدىكى كارخانىلارنىڭ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە بۇ ھەقتىكى لايىھەنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىمىز.

ۋاڭ جۈن باج ئېتىبارىدىن بەھرىلىنىش دائىرىسىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باج ئېتىبارىدىن بەھرىلىنىش ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، شۇ يىللىق تىجارەت سوممىسى 60 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن كىچىك، مىكرو كارخانىلاردىن كارخانا تاپاۋەت بېجى يېرىملىتىپ ئېلىنىدۇ، 1مىليون 200مىڭدىن ئارتۇق كىچىك، مىكرو كارخانا بۇ سىياسەتتىن بەھرىلىنىدۇ؛ ئىككىنچى، بۇلتۇر 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئايلىق سېتىش سوممىسى 20مىڭ يۈەندىن، تىجارەت سوممىسى 20مىڭ يۈندىن ئېشىپ كەتمىگەن قوشۇلما قىممەت بېجى بويىچە كىچىك باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە تىجارەت بېجى بويىچە باج تاپشۇرغۇچىلاردىن باج ئېلىنمىدى، بۇنىڭدىن 6مىليوندىن ئارتۇق باج تاپشۇرغۇچى بەھرىلەندى؛ ئۈچىنچى، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش مەملىكەت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ يىل 31-يانۋارغىچە 2مىليون 820مىڭ كارخانا تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىغا قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى %82 كارخانا، يەنى 2مىليون 300مىڭدىن ئارتۇق كىچىك، مىكرو كارخانىنىڭ تاپشۇرىدىغان بېجى %40چە ئازايدى.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق