باش بەت>>ئىقتىساد>>پۇل مۇئامىلە
شەخسلەر كارتىسىدىكى پۇل ئۆزىنىڭ پۇلىمۇ ئەمەسمۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-13 12:12:28

يېقىندا، بېيجىڭ ئەمگەك كۈچى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت تارماقلىرى داۋالاش سۇغۇرتىسى شەخسى سىچوتلىرىنىڭ يىل ئاخىرىدا يېپىق باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ قېتىم سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ شەخسىي سىچوت سوممىسى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت سۇغۇرتا كارتىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ، بۇ پەقەت دوختۇرغا كۆرۈنۈشكىلا ئىشلىتىلىپ، مەخسۇس سوممىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىلىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇنداقتا شەخسلەر كارتىسىدىكى پۇل ئۆزىنىڭ پۇلىمۇ ئەمەسمۇ؟

ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى شەخسلەر سىچوتى يىل ئاخىرى تاقالغاندىن كېيىن، شەخسي سىچوت سوممىسى بىۋاسىتە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت كارتىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ. بۇندىن كېيىن ئامانەت پۇل كارتىسىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ. داۋالاش سۇغۇرتىسى پۇل ئامانەت كارتىسىغا كىرگۈزۈلۈپ بولغانلىرى شەخسكە تەۋە بولۇپ تاقالمايدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر شەخسلەرنىڭ پۇلى ئېنىقتىن ــ ئېنىق ئۆزىنىڭ تۇرسا، يەنە نېمىشقا تاقالغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. 1998-يىلى گوۋۇيۇەننىڭ شەھەر-يىزا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسى سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قارارىدا شەخسي سىچوتنىڭ ئەسلى سوممىسى بىلەن ئۆسۈمىنىڭ شەخسنىڭ ئىگىدارلىقىغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى، ئىشلىتىشنى ئۆتۈنۈپ بىرىشكە ۋە ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئينىق كۆرسىتىلدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئاساسي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى بىر تۇتاش سومما بىلەن شەخسي ھېساباتتىن تەركىپ تاپىدۇ»غانلىقىنى كۆرسەتتى. يەنى شەخسي ھېسابات داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ بىر قىسمى. بۇ بۇنىڭغا ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ قىسىم رايونلار شەخسي ھېساباتنى يېپىق باشقۇرۇشنى يولغا قويغان، پەقەت بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا ۋە دورا دۇكانلىرىدا كېسەل كۆرسىتىش ۋە دورا سېتىۋېلىشقا يول قويغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شەخسي ھېسابات بىلەن بىر تۇتاش سومما بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، سۇغۇرتىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، بۇ ئىجتىمائى داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ بىر مۇھىم فۇنكىسىيەسى، بۇ ئاددىيلا ئۆزۈمنىڭ پۇلى دەپ قارالماسلىقى كېرەك، يەنە كىلىپ شەخسي ھېساباتنىڭ بىرقىسمىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تاپشۇرغان، بۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تاپشۇرغان ھەقنىڭ تەخمىنەن 30%نى ئىگىلەيدۇ.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق