باش بەت>>ئىقتىساد>>پۇل مۇئامىلە
ئامازون جۇڭگودىكى تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
مەنبەسى:نۇر تررى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-20 12:59:35

 

ئامازون شىركىتى جۇڭگوغا كىرگەنلىكىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن باش لېدىر Doug Gurr تۇنجى قېتىم 8-ئاينىڭ 19-كۈنى دۆلىتىمىزدە ئۆزىنى ئاشكارا كۆرسەتكەن. Doug Gurr بۇندىن ئىلگىرى ئامازون شىركىتىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى تارمىقىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان، ئۇ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئامازوننىڭ جۇڭگودىكى باش لېدىرى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن.

Doug Gurr ئامازوننىڭ جۇڭگودىكى ئۈچىنچى باش لېدىرى بولۇپ، 2012-يىلى 11-ئايدا، ئامازوننىڭ جۇڭگودا ئۇزۇن ۋاقىت ۋەزىپە ئۆتىگەن باش لېدىرى ۋاڭ خەنخۇا خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا فېڭ سىجې چىققان.

Doug Gurr ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كىيىن، جۇڭگودا بىر قاتار خىرىسلارغا دۇچ كىلىدىكەن. جۇڭگودىكى يەرلىك ئېلېكتىرونلۇق تور سودا كارخانىلىرى ئۆتكەن 10 يىلدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان، ئالى بابا شىركىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا ئىگە كارخانىغا ئايلانغاندىن كىيىن، ئېلىمىزدە يەنە ئارقا-ئارقىدىن جىڭدوڭ ۋە ۋىيپىنخۈي قاتارلىق بازار قىممىتى ئون مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان داڭلىق سودا كارخانىلىرى بارلىققا كەلگەن، نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامازوننىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتى بىر قەدەر «تۇرغۇن» ھالەتتە تۇرغان. 2004-يىلى 8-ئايدا، ئامازون جۇڭگودىكى يەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا تور بېكەتلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش شەكلى ئارقىلىق، جۇڭگو بازىرىغا قەدەم باسقان.

تېڭشۈن تېخنىكا تورى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، Doug Gurr مۇنداق سۆز قىلغان:«بىز تەرەققىيات سېلىنمىسىنى كۈچەيتىپ، ئابونتلار ۋە خىرىدارلارنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىمىز، ئۇندىن قالسا، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز، چۈنكى جۇڭگو بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز، بىزنىڭ باشقا دۆلەتلەردە ‹تېز› دەپ قارالغان تەرەققىيات سۈرئىتىمىز جۇڭگوغا كىرگەندىن كىيىن ‹ئاستا› بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇ يەنە ئامازوننىڭ ئەزەلدىن تارتىپ ناھايىتى سەۋىرچان كارخانا بولۇپ كەلگەنلىكىنى، جۇڭگو بازىرىدىمۇ مۇشۇ خىل خاراكتېرىنى ساقلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن، مەھسۇلات تۈرى ۋە سانىنى كۆپەيتىش، مال يەتكۈزۈش تورى قۇرۇش ۋە تىجارەت مەركىزى قۇرۇش قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق جۇڭگودىكى ئابونتلارغا تېخىمۇ مول مەھسۇلاتلارنى شۇنداقلا تېخىمۇ مۇۋاپىق باھا ۋە تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەت شەكىللىرىنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق