باش بەت>>ئىقتىساد>>پۇل مۇئامىلە
مىكروسوفىت شىركىتى IE تور كۆرگۈچىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-20 12:32:40

ئالدىنقى ھەپتە Reddit تور بېكىتى ئېلىپ بارغان «Ask Me Anything» ناملىق سوئال-جاۋاب پائالىيىتىدە، كىشىلەر مىكروسوفىتتىن «ئىلگىرى IE تور كۆرگۈچىسىگە باشقا ئىسىم قويۇشنى ئويلىشىپ باققانمۇ؟ » دىگەن سوئالنى بەك كۆپ سورىغان، مىكروسوفىت شىركىتى IE تور كۆرگۈچىسىنى ئېچىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر شىركەتنىڭ بۇندىن ئىلگىرى شۇنداقلا ھازىرمۇ ئۇنىڭغا باشقا ئىسىم قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىكروسوفىتنىڭ بەرگەن جاۋابىدا مۇنداق دىيىلگەن: «شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملار ئىزچىل ھالدا مۇشۇنداق تەكلىپ بېرىپ كەلگەن. شىركەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارمۇ بۇ مەسىلىنى ناھايىتى كۆپ قېتىم ۋە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغان، شۇنداقلا نۇرغۇن ئوي-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.»

IE تور كۆرگۈچىسى گۇرۇپپىسىدىكىلەر يەنە، نەچچە ھەپتە بۇرۇن ئۇلارنىڭ شىركەتنىڭ ئىچكى ئېلخەت سىستېمىسىدا بۇ مەسىلىنى ئورتاق مۇنازىرە قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭغا ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

مىكروسوفىت ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەھسۇلاتىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ئانچە بەك يېڭىلىقمۇ ئەمەس: Windows Mobile سىستېمىسى كىيىنكى ۋاقىتلاردا Windows Phone گە ئۆزگەرتىلگەن؛ Windows NT مۇ Windows Server گە ئۆزگەرتىلگەن؛ Microsoft Wallet بولسا Microsoft Passport گە ئۆزگەرتىلگەن، ئارقىدىن يەنە .NET Passport دىگەن ئىسىمغا ئۆزگەرتىلگەن، ئۇنىڭ ئارقىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىلىپ، Microsoft Passport Network、Windows Live قاتارلىق ئىسىملارنى قوللانغان، ھازىر بۇ مۇلازىمەت تۈرىنىڭ ئىسمى دەل ئابونتلارنىڭ مىكروسوفىت ھېساب نۇمۇرىدىن ئىبارەت.
بىراق، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ مەھسۇلات نامىنى ئۆزگەرتىشى ئەزەلدىن ئۇنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى ياكى ئابونتلار سانىنىڭ ئېشىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ باقمىغان. IE تور كۆرگۈچىسىنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلسە، ئىشىنىمىزكى،
ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئانچە چوڭ ياردىمى بولمايدۇ. ئىلگىرى تور كۆرگۈچ بازىرىنى مونوپول قىلغان IE نىڭ بازار ئۈلۈشى بۈگۈنكى كۈندە ئىزچىل تۆۋەنلەش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

StatCounter نامىدىكى ئىنتېرنېت تور ئېقىمىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتتا دىيىلىشىچە، IE تور كۆرگۈچىسىنىڭ بازار ئۈلۈشى 2010-يىلى %50 گە چۈشۈپ قالغان، بۈگۈنكى كۈندە پەقەت %21 گە چۈشۈپ قالغان. گۇگېل Chrome تور كۆرگۈچىسىنىڭ بازار ئۈلۈشى بولسا ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ھازىر %45 لىك بازارنى ئىگەللىگەن.

IE تور كۆرگۈچىسى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر تەبئىيلا «يوچۇق، بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە قالاق» دىگەن سۆزنى يادىغا ئالىدۇ. IE تور كۆرگۈچىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر «Ask Me Anything» پائالىيىتىدە تورداشلارنىڭ نۇرغۇنلىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن، بۇنىڭ ھەممىسى IE نىڭ تور ئابونتلىرى ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇلار ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى مىكروسوفىت IE تور كۆرگۈچسىنىڭ نۆۋەتتىكى رىقابەتچىلىرى ئىشلەتكەن بارلىق يېڭى ئىقتىدارلار ۋە بىخەتەرلىك ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغانلىقىنى، يېڭى نۇسخىدىكى IE تور كۆرگۈچىسىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ كونا نۇسخىدىكى IE تور كۆرگۈچىسىنى قوللاشتىن توختاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، مىكروسوفىت شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان تور كۆرگۈچلەر ئىچىدە، ئومۇملىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى 2009-يىلى ئېلان قىلىنغان IE8 ئىكەن.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق