باش بەت>>ئىقتىساد>>پۇل مۇئامىلە
رېن رېن شىركىتىنىڭ 2-پەسىللىك كىرىمى بۇلتۇرقىدىن %42.4 تۆۋەنلەپ كەتكەن
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-27 15:06:51

 

رېن رېن شىركىتى  شىركەتنىڭ بۇ يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان 2014-يىل 2-پەسىللىك مالىيە ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، رېن رېن شىركىتىنىڭ 2-پەسىللىك ئومومىي كىرىمى 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.4 تۆۋەنلەپ كەتكەن؛ رېن رېن شىركىتىگە تەۋە بولغان ساپ كىرىم 31 مىليون دوللار بولغان، بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدە رېن رېن شىركىتىگە تەۋە بولغان ساپ زىيان 9 مىليون 300 مىڭ دوللارغا يەتكەن.

رېن رېن شىركىتىنىڭ 2-پەسىلدىكى ئاساسلىق تىجارەت ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

رېن رېن شىركىتىنىڭ 2-پەسىللىك ئومومىي ساپ كىرىمى 25 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.4 تۆۋەنلەپ كەتكەن؛

2-پەسىلدىكى ساپ كىرىم 15 مىليون 100 مىڭ دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %26.7 تۆۋەنلەپ كەتكەن؛

2-پەسىلدىكى ئويۇن كەسپى ياراتقان ساپ كىرىم 9 مىليون 900 مىڭ دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.6 تۆۋەنلەپ كەتكەن؛

2-پەسىللىك باشقۇرۇش تەننەرخى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان 30 مىليون 400 مىڭ دوللار بولغان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى زىيان 25 مىليون 900 مىڭ دوللار بولغان؛

رېن رېن شىركىتىگە تەۋە بولغان ساپ پايدا 31 مىليون 300 مىڭ دوللار بولغان، ھالبۇكى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە رېن رېن شىركىتىگە تەۋە بولغان ساپ زىيان 9 مىليون 300 مىڭ دوللار بولغان؛

رېن رېن شىركىتىنىڭ بۇ يىل 2-پەسىللىك تەڭشەشتىن كىيىنكى ساپ پايدا سوممىسى 37 مىليون 400 مىڭ دوللارغا يەتكەن، بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدىكى تەڭشەشتىن كىيىنكى ساپ زىيان 3 مىليون 800 مىڭ دوللار بولغان.

رېن رېن شىركىتىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پايچېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋىلىش تۈرى 2014-يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخىرلاشقان. شىركەت جەمئىي قايتۇرۇپ سېتىۋالغان پايچېكى سانى 22 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، ئومومىي قىممىتى 69 مىليون 400 مىڭ دوللار بولغان. 2014-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، شىركەت مۇدىرىيىتى قارار ئېلان قىلىپ، كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدە يەنە قىممىتى 100 مىليون دوللارغا يېتىدىغان پايچېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋىلىشنى پىلانلىغان.

رېن رېن شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2014-يىل 3-پەسىللىك تىجارەت كىرىمى 19 مىليوندىن 21 مىليون دوللارغىچە بولىدىكەن، شۇنداقلا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىللىك تىجارەت كىرىمىدىن %50 ئەتراپىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلىدىكەن. بۇ رېن رېن شىركىتىنىڭ كەلگۈسىدە تەڭشەش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق