باش بەت>>ئىقتىساد>>بېيىش يولى
ئامېرىكىدىكى بايلار قەيەردە ئولتۇراقلاشقان؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-23 15:55:32

ئامېرىكىدا ھەممە شەھەردە دېگۈدەك بايلار رايونى بار. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، شەرقىي، غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا بايلار ئەڭ كۆپ. شەرقىي دېڭىز قىرغىقى نيۇ يورك، بوستون، غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا شىمالىي كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى سىلىتسىي جىلغىسى، جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىشىتاتىدىكى ھوللېۋود، يەنە غەربىي شىمال دېڭىز قىرغىقىدىكى سېئاتىلدا بايلار ئەڭ كۆپ.

ئامېرىكىنىڭ بايلار رايونى تىلغا ئېلىنسا، كۆپلىگەن كىشىلەر ئالدى بىلەن لوس ئانژېلېستىكى بېۋېرلى قورۇقى ۋە مىئامىدىكى سۈنئىي ئارالنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ، بۇ ئىككى جاينىڭ خېلى داڭقى بار، بۇ يەرلەردە ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ھوللېۋود كىنو چولپانلىرى ئولتۇرىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ باشقا ساھەسىدىكى بايلار، مەسىلەن، سودا ساھەسىدىكى ماگناتلارنىڭ ئاز بىر قىسمى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى بايلار رايونىدا ئولتۇرغاندىن باشقا، كۆپىنچىسى بىر قەدەر چەت رايونلاردىكى تىنچ جايلاردا ئولتۇرىدۇ. فىلورىدا ئىشتاتىدىكى پالما ساھىلى ئامېرىكىدىكى باي سودىگەرلەر ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان جايلارنىڭ بىرى. ئۇ يەرنىڭ مۇھىتى گۈزەل، شەھەردىن يىراق، دائىملىق نوپۇسى 10 مىڭ بولۇپ، ساياھەت پەسلىدە 30 مىڭغا يېتىدۇ. ئۇ جاينىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماستىن،كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى ۋە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئۇ جاينى ئامېرىكىدىكى بايلار توپلاشقان ياخشى ماكانغا ئايلاندۇرغان.

ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ساياھەت بېسىق مەزگىلدە ئامېرىكىدىكى تۆتتىن بىر قىسىم باي ئۇ يەردە بولىدىكەن. نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى ۋاندېربىلت جەمەتى، روككېفېللېر جەمەتى، كارنېگ جەمەتى، مېللون جەمەتىدىن تارتىپ يېقىنقى زاماندىكى موئون جەمەتى، بېك جەمەتى پالما ساھىلىنىڭ خوجايىنلىرى بولغان. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردە ئولتۇرىدىغان داڭلىق بايلاردىن تېلېگراق ماگناتى گېئورگى لىندېمان، فوربېس شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى روبېت فوربېس، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ماگناتى مۇردوكنىڭ ئىلگىرىكى خوتۇنى ئەننا، كوس خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئايال ۋارىسى كايسىي رېينا قاتارلىقلار بار.

ئامېرىكىدا ‹‹كەمبەغەللەر شەھەردە، بايلار شەھەر سىرتىدا ئولتۇرىدۇ›› دەيدىغان گەپ بار. چۈنكى، ئامېرىكىلىقلار ئۆي سېتىۋالغاندا مۇھىتنى ئالدىن ئويلىشىدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىرىمى يۇقىرى كىشىلەر مەنزىرىسى گۈزەل تۇرالغۇدا ئولتۇرۇش ئۈچۈن، شەھەر سىرتىدىن يۇقىرى باھادا ئۆي سېتىۋالىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى، قۇرۇلمىسى ۋە دەرىجىسى پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، پەقەت مۇھىتىغا قاراپ باھاسى پەرقلىنىدۇ. مۇھىتى تەبىئىي مۇھىتى ۋە گۇمانىتارلىق مۇھىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەبىئىي مۇھىت ئۆينىڭ ئالدى – كەينى مۇھىتىنى، يەنە پۈتۈن مەھەللىلەرنىڭ ئومۇمىي مۇھىتىنى ھەم شۇ ئورۇننىڭ مەنزىرىسىنى كۆرسىتىدۇ. گۇمانىتارلىق مۇھىتى مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، قىممەت يۆنىلىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا مەھەللە مەدەنىيىتى ۋە شەخسلەرنىڭ سالاھىيىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت، بەزىدە تېرە رەڭگىمۇ ئۇلارنىڭ قوشنا تاللاشتىكى ئۆلچىمى بولىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق