باش بەت>>ئىقتىساد>>بېيىش يولى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-26 13:16:16

قەشقەردىكى ياشلار «نەندا» شىركىتىدە خىزمەت قىلغىنىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ، مۇنىرە ئابدۇغېنى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

ھازىر مۇنىرە ئابدۇغېنى شىنجاڭ «نەندا» سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: دەسلەپ كەلگەندە ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم، خەنزۇچىنى ياخشى سۆزلىيەلمەيتتىم، ھازىر كەسپىي تېخنىكىنى ئىگىلەپلا قالماي، خەنزۇچىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولدۇم.

شىنجاڭ «نەندا» سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق، سۈتچىلىك بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى پۇقراۋى كارخانا بولۇپ، يەرلىك ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان سۇپىغا ئايلاندى. ھازىر «نەندا» سۈتچىلىك شىركىتىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر 400 دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك ئامما %70 تىن ئاشىدۇ، ئىش ئالدىراش بەزى چاغلاردا ھەتتا 10 مىڭدىن ئاشىدۇ.

«نەندا» شىركىتىلا ئەمەس، شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، شىنجاڭدا رويخەتكە ئالدۇرغان تۈرلۈك كارخانىلار، شۇنداقلا شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئالغان كارخانىلار يېڭىدىن قوبۇل قىلغان خادىملارنىڭ ئىچىدە بەلگىلىمە بويىچە شىنجاڭلىق خادىملار %50 تىن ئاز بولمىدى.

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نەتىجىسى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ

بۇ يىل ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدا كىشىنى روھلاندۇرىدىغان بىر قاتار نەتىجىلەر ئېلان قىلىندى: بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان – ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، پۈتۈن يىلدا شەھەر – بازارلاردا 460 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نىشان – ۋەزىپە %115 ئورۇنلاندى، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.4 بولدى. يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەردىن 2 مىليون 800 مىڭ ئادەم (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، نىشان – ۋەزىپە %140 ئورۇنلاندى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىمنىڭ مۇھىمىدۇر. تۈرلۈك ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە تارىخىي بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىختىن قېلىپ قالغان مەسىلىلەر تەلتۆكۈس ھەل قىلىندى. 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 75 مىڭ ياشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %99.8 كە يەتتى؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى يىلسېرى ئاشتى، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە %88.4 كە يەتتى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %80 كە يەتتى؛ 2011 – يىلى تەشكىللەپ يولغا قويۇلغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 23 مىڭ ياشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش پىلانىدا ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى %84.6 نى ئىگىلىدى، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە 10 مىڭ 572 ياش ئىشقا ئورۇنلاشتى. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۆرلەپ ئوقۇمىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى شىنجاڭنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى، بۇلتۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۆرلەپ ئوقۇمىغانلار قاتارلىق يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ پائال ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش تەرەققىياتنىڭ 1 – مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىندى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۈچەيتىشنى، شىنجاڭنىڭ، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ 1 – مۇھىم ۋەزىپىسى قىلغان. بۇ ۋەزىپىنى تاماملاش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىرىك پىششىقلاپ ئىشلەش، «سېلىنمىسى ئاز، دەۋرىيلىنىشى قىسقا، ئۈنۈمى تېز» تۈرلەر قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ۋە مىللىي خاس كەسىپلەر تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە يېزا ئىگىلىك ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرىنى نۇقتا قىلىپ، كارخانا، ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، سىياسەت ئارقىلىق قوللاش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەپ كېڭەيتىدىكەن ۋە مۇقىملاشتۇرىدىكەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەرلىك مىللىي خاس كارخانىلار، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 1 مىليون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ «سېلىنمىسى ئاز، دەۋرىيلىنىشى قىسقا، ئۈنۈمى تېز» تۈرلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يىرىك پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىش ئورنى كۆپەيتىشنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئامما توپى، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىنىدۇ. ھەر يىلى شىنجاڭدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرى 2 مىليونغا يېتىدۇ، بۇنىڭ %92 ىدىن ئارتۇقراقى ئاز سانلىق مىللەتلەردۇر، يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنسا، شەك ـ شۈبھىسىزكى، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق